ھىندىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «غازاتچى ھەرىكەتلەر» گە قارشى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىكەن
2015.11.19

ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راجنات سىڭنىڭ خىتاي زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان. ھىندىستان ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، راجنات سىڭنىڭ 5 كۈنلۈك زىيارىتى خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، چېگرا ھالقىغان قورال-ياراق قاچاقچىلىقى ۋە «غازاتچى ھەرىكەتلەر» گە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلغان.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھىندىستان تەرەپ خىتايدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «غازاتچى ھەرىكەتلەر» گە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلغان.
سىڭنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ئورتاق ھەمكارلىققا چاقىرغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان كەشمىر مەسىلىسى، دۆلەت ئىچىدىكى غازاتچى گۇرۇھلارنىڭ تەھدىتى، ھىندى-مۇسۇلمان توقۇنۇشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پەرقلىق.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق بوشلۇقى ئۇنچىلىك زور ئەمەس، دەيدۇ.
خۇ پىڭ: «ئەلۋەتتە، تېررورلۇق نىسبەتەن ئومۇملاشقان بىر ھادىسە. بىز ھىندىستاندەك دۆلەتلەردە بۇرۇنلا بەزى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى خىتايدىن خېلى زور پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا تۇتقان سىياسىتىمۇ خىتايدىن پەرقلىق. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرقىنى كۆپچىلىك ھەممىسى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. شۇڭا، مەن ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق بوشلۇقى بەك چوڭ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرىدە زور پەرق مەۋجۇت» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ «غازاتچىلار» غا قارشى ئىستراتېگىيەسىدىكى قانداق كونكرېت نۇقتىلار ھىندىستاننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى نامەلۇم. ئەمما خىتاينىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسى پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلار، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلىپ كەلدى.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ۋە پۈتكۈل تۈزۈلمىسىدە ئېغىر مەسىلە بار، دەيدۇ.
خۇ پىڭ: مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان تۈزۈلمە ۋە سىياسىتىدە ئەسلىدىنلا زور مەسىلە بار. بۇ نۇقتا ناھايىتى روشەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن بۇ ساھەدە ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەلۋەتتە، ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلىدىغان ساھەلەر ناھايىتى كەڭ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بارىدىغان ئۇنداق نىيەت يوق. ئۇ ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۆزگەرتمەيدۇ.»
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە، بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر «بۆلگۈنچىلىرى» نى كەشمىر تېررورچىلىرىغا باغلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، بۇ قاراشنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا مۇتەخەسسىسى جاڭ جىنكۇي ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ، «ھىندىستان كەشمىرگە چېگرىداش ئۇيغۇر رايونىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ كەشمىرلىك تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بار» دېگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر دەلىل ئوتتۇرىغا قويمىغان.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شىخەي بولسا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىستىخباراتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئېھتىمال ئۇ، خىتاينى شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا دائىر ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ» دېگەن.
ئەمما «بېيجىڭ باھارى» دىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، ش ت ئى ھ نىڭ سىستېمىلىق بىر ئورگان ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ پاكىستان، كەشمىر ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تېررورلۇق گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئاخباراتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشىغا يول قويمىسا، ئۇنىڭ سۆزى ئىشەنچلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن زىيارەت قىلىشنى قويۇپ بەرمىگۈچە، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى ناھايىتى قىيىن. شۇنداق قىلغاندىلا كىشىلەر ھەر خىل ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ، قايسى خەۋەرنىڭ توغرىلىقىغا قارار قىلىدۇ. مەسىلەن، باي ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر بەردى. بىراق باشقا ئاخباراتلارنىڭ خۇسۇسەن ئە ئا ر نىڭ خەۋىرى ئۇنىڭ خەۋىرىگە ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتنى قويۇۋەتمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› قوللاندى، دەپ ۋايسىماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاينى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىتتىرىۋاتقان يەنە بىر سەۋەب ئىسلام دۆلىتى-دائىشنىڭ تەھدىتىكەن.
ئىككى دۆلەت بۇ يىل ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارغان. بۇ يىل 4-نويابىر يېڭى دېھلىدا 7-نۆۋەتلىك تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق دىئالوگى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
لېكىن ئانالىزچىلار مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىشەنچ مەسىلىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
راجنات سىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى ھىندىستان ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» بىلدۈرگەن.