بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھىندونېزىيەدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر قېتىملىق مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ھىندونېزىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھىندونېزىيە تىلىنى ئىشلىتىش، ھىندونېزىيە قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ۋە ھىندونېزىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە بۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەردار بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ھىندونېزىيەدە خىتايلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ يەنە كۈچىيىشىگە يېقىندىن بۇيان ھىندونېزىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
15-فېۋرال فېيسبوكتا تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە ھىندونېزىيە ساقچى ئەمەلدارىنىڭ قول ئاستىدىكى خىتاي ساقچىلىرىدىن ئەگەر ئۆزىنى ھىندونېزىيە پۇقراسى دەپ ھېسابلىسا خىزمەت ۋە ئادەتتىكى ئالاقىدە چوقۇم ھىندونېزىيە تىلىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان كۆرۈنۈشى ئاشكارىلاندى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە ھىندونېزىيەلىك بىر ساقچى ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۆلەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسىدە ئەمدى خىتاي تىلىنى ئىشلەتمەڭلار. چۈنكى خىتاي تىلى باشقا دۆلەتنىڭ تىلى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي تىلىنىڭ بۇ جايدا ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ جايدىكى يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن خىتايلار چوقۇم يەرلىك خەلقنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى مەن تەكىتلىمىسەممۇ ھازىر بۇ جايدا خىتايلارغا قارشىلىق كەيپىيات بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سەۋەب بولغىنى سىلەر خىتايلاردىكى بېكىنىۋېلىشتىن، يەرلىك قائىدە-تۈزۈم ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن خىتايلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، مېنىڭ خىتاي تىللىق قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەردىن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدە بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ خىتاي تىلىنى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى، ھىندونېزىيە پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتىڭلار بىلەن ھىندونېزىيە تىلىنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىڭلار. خىتاي تىلى خىتاي دۆلىتىنىڭ تىلى، ئۇ پەقەت ئاشۇ دۆلەتتىلا كۈچكە ئىگە، ھەرگىزمۇ بۇ دۆلەتتە ئەمەس!»
ئامېرىكىدىكى تۇڭگان پائالىيەتچىلىرىدىن جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى سۇلايمان گۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھىندونېزىيەلىك ساۋاقداشلىرىدىن يېقىندىن بۇيان ھىندونېزىيەدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى كەيپىيات ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، 1998-يىلى ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن خىتايلارنى قوغلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيەدىكى خىتايلارنىڭ ئۆز تىلىدا ئالاقە قىلىشى ۋە خىتاي تىللىق مەكتەپلەرنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھىندونېزىيەدە خىتاي تىلىنى چەكلەش، خىتايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش كەيپىياتى كۈچەيگەن.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە ھىندونېزىيەدە خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ھىندونېزىيەدە خىتايلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە بىر تەرەپتىن ھىندونېزىيەدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەجدادلىرى خىتايدىن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە باشقا جەھەتلەردە يەرلىك خەلقلەرگە مەنپەئەت بەرمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندونېزىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزى بۇ دۆلەتتە، يەنى بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە ياشاپ تۇرۇقلۇق يەنىلا خىتاي تىلى ۋە خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىشتەك مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەب بولغان. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ھىندونېزىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا بارغانچە كۈچەيگەن خىتاي مىللەتچىلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. مانا بۇ نۇقتىدىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە بىر قېتىملىق مىللىي توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي تىللىق ھىندونېزىيە پۇقرالىرىدىن ھىندونېزىيەنىڭ يەرلىك تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ھىندونېزىيەنىڭ قانۇن-تۈزۈم، ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇشى مۇمكىن.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئوقۇش، ساياھەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە چىققان خىتاي پۇقرالىرىنى قارشى ئالمايدىغان كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىدىكى بەزى ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«ھازىر خىتاي ساياھەتچىلىرى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى چەتئەللەردە بارغانچە قارشى ئېلىنمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭغا يەنىلا يېقىنقى يىللاردا خىتايلاردا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «چوڭ خىتايچىلىق» خاھىشى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. يېقىندا ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تورلاردا ‹نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىمەيدۇ؟ چاغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇنداق بولغان ئىكەن، بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارمۇ خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت بايرىمى بولغان چاغاننى تەبرىكلىشى كېرەك!› دەيدىغان مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە. مانا مۇشۇ مىسالنىڭ ئۆزىلا خىتايلاردىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشىنى باشقىلارغا تېڭىش، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايوننىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلەشنىڭ تىپىك بىر مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئىلگىرى مالايشىيادا بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مالايشىيادىكى مەزگىلىدە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلارنىڭ بەزىلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتايدىن بۇ دۆلەتلەرگە كېلىپ يەرلىشىپ كەتكەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان توقۇنۇشلارغا كۆپىنچە ھاللاردا خىتايلاردىكى تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن بۇ دۆلەتلەرگە سىڭمەسلىك ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلار ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتىغىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىدىن باشقا يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى، خىتايدىن باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش ھەتتا ھاقارەتلەشتەك قىلمىشلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00