ئەنقەرەنىڭ قازان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» غا ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.
مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قازان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مېتىن كۈلۈنك ئەپەندى، تۈركىيە ئوردۇ ۋىلايىتىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى مېتىن گۈندوغدۇ ئەپەندى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىدىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاكتىپ ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن 4 ياش ۋاقتىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان مۈجاھىت قەشقەرلى قاتناشتى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئۇچرىشىش 3-ئاينىڭ 12-كۈنى قازان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قازان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندى قىلغان. ئۇ، نۇتقىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھمىيىتى، ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى، ناھەقچىلىك، زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، قىممەتلىك مېھمانلار مەن بۈگۈن ئوخشىمايدىغان بىر ھېسسىيات ئىچىدەمەن. بۈگۈن قازاندا بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دىدار كۆرۈشەلمىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر يەرگە كەلگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇزۇندىن بېرى ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان، ھەر خىل خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىۋاتقان كىشىلەر بۇ يەردە جەم بولدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. 21-ئەسىر تېخنولوگىيە ئەسىرى. بىز تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئۆز-ئارا خەۋەرلىشىش، ھەقسىزلىكلەرنى، ئادالەتسىزلىكلەرنى، زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز سىزلەر بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىشتا زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، خوجائېلى مەسىلىلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلدۇق.»
بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ، قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئەنقەرەنىڭ قازان ناھىيىسى باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ «قازان ناھىيىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى چىقايلى» ماۋزۇلۇق ھەرىكەت قوزغاپ، بۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەشكىللىنىپ، ئۆز دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ئۆز تەجرىبىلىرىنى ۋە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ھامۇتخان كۆكتۈركمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ رولى ھەققىدە توختالدى.
