«ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىياغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015.01.22
nursultan-nazarbayef-almasbek-atambayef-305.jpg قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايەف قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبەك ئاتامبايەف بىلەن كۆرۈشتى. 2012-يىلى 22-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
AFP

ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە قىرغىزىستاندىكى «بىشكەك كەچلىك گېزىتى» گە ئوخشاش يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قوشۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەركىبىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى رايونلىرىدىن كېتىپ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلارنىڭ سانىنىڭ 400 نەپەرگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنى كۆزەتكۈچىلەر «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھەمدە ئۆزبېكىستاندىن ئوتتۇرا شەرققە بارغانلاردىن «ئوتتۇرا ئاسىيا قوشۇنى»دېگەن بىر توپ تۈزگەنلىكى، بۇ توپنىڭ تەركىبىدە 4000 غا يېقىن ئادەم بارلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندىكى دىنى پائالىيەتچى قادىر مالىكوۋ 21-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە ھازىر ئەڭ خەۋەپلىك رايون قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ئوبلاستلىرى ۋە پەرغانە ۋادىسى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ناھايىتى زور سوممىدىكى خىراجەت بۆلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بار. بۇلارنىڭ دەسلەپكى پىلانى گەرچە ئۆزبېكىستان بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان مەملىكەتلىرىمۇ بۇ بوران-چاپقۇننىڭ سىرتىدا قالالمايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق مەملىكەتلەر بىرلىشىپ بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دەپ قارايمەن».

«ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى راستىنىلا ئوتتۇرا ئاسىياغا خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر بۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەت شەكىللەنسە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى قانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك؟

قازاقىستاندىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇ مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.