خىتاي تۈركىيەدىكى ئىسلاھ خەۋەر تور بېكىتىگە تەھدىت سالغان

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولۇپمۇ مەزلۇم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان www.islahhaber.net تور بېكىتى خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ئىسلاھ خەۋەرنىڭ 16-ئاۋغۇست كۈنىدىكى تەھدىت خېتىدە، «تور بېكىتىمىز خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە بىر خىتاينىڭ نامىدىن ئەۋەتىلگەن ئىنگلىزچە خەتكە ئورۇن بېرىلگەن. خەتتە: «تور بېتىڭىزدىكى بەزى تېكىستلەر تېررورنىڭ يېيىلىشىغا تۆھپە قوشقان زوراۋانلىق ئىدېئولوگىيەسىنى، كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا، بۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر خەت 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كەلگەن بولۇپ، ئىسلاھخابەر تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ھاجى ئالى دوغان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىلدىن بېرى خىتاي بۇنداق تەھدىتنى قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھاجى ئالى دوغان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر يىلدىن بېرى مۇشۇنداق تەھدىت خېتى كېلىۋاتىدۇ. خەت ئەۋەتكەن ئادرېسلاردا خىتايچە خەت بولغاچقا خىتايدىن كەلگەنلىكى ئېنىق. ئېلان قىلغان خەۋەرلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشىمىزنى، ئۇنداق قىلمىساق، تور بېكىتىمىزنى تاقاتقۇزۇۋېتىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. خىتاي بىز يازغان خەۋەرلەرنىڭ تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەپلەشمىگەن گەپلەر بىلەن تور بېكىتىمىزنى تاقاتقۇزىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي داۋاملىق بۇنداق ھۇجۇم قىلغاچقا كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەردار بولسۇن دەپ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدۇق.»

«خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك، سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ھاجى ئالى دوغان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر خىل زۇلۇمنى راۋا دەپ قارايدۇ. بۇ زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇنمۇ بەرمەيدۇ. بىز بىر نەچچە ياش خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ ئارقىغا چېكىنمەيمىز. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۈندە ئۈچ خەۋەر ئېلان قىلغان بولساق، بۇندىن كېيىن كۈندە 5 خەۋەر، ھەتتا 10 خەۋەر ئېلان قىلماقچىمىز. بىزنىڭ ئاخباراتچىلىق سىياسىتىمىز قەيەردە بىر ئېزىلگەن، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرد-پەريادىنى ئاڭلىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ.»

تۈركىيە ئاييىلدىز تىم ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىساق تەللى ئەپەندى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازغان تور بېكەتلىرىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى،بۇ، 90% خىتاي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغان 90% خىتاي. بىزنىڭ ئاي يىلدىز تىم شىركىتى تۈنۈگۈن 74 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. تەدبىرىنى ئالغاچقا بىر نەرسە بولمىدى. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن تور بېكەتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تور بەتلىرىگە باشقا ئادەملەر ھۇجۇم قىلمايدۇ. مېنىڭچە خىتاي قىلىۋاتىدۇ.»

www.islahhaber.net تور بېكىتىدىن بۇرۇندىن تارتىپ پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پۈتۈن تور بەتلىرىگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭمۇ 15-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ سىبەر تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ پىكرىگە، ئىدېئولوگىيەسىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى تېررور دەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھەرگىز تۈركىيەدىكى تور بېكەتلىرىنى ئەتكۈزۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھاجى ئالى دوغان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە www.islahhaber.net تور بېكىتى 2012-يىلى بىر قانچە ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تور بېكىتىدە ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ ساندا خەۋەرگە ئورۇن بېرىلگەن.