ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.06
lager-sim-tosuq-dawanching.jpg ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
REUTERS

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى سىياسىي تەقىبنى «ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكتە» دەپ تەسۋىرلەۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇش چۇقانلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما خەلقئارادا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بۇ چۇقانلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتىقاد بىرلىكىگە ئىگە بولغان ئىسلام ئەللىرىدىن ئاساسەن چىقمىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ مەسىلە ئىزچىل خەلقئارادا مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا سولىنىشى ھەققىدە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى ئاياتوللا خامېنىنى كەسكىن تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبىرى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشى (ئۆزىدىن نېفىت سېتىۋالغۇچى چوڭ خېرىدار بولغان) خىتايدا يۈز مىڭلاپ مۇسۇلماننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىگە كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىشتىراك قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بۇ ھەرىكەتكە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاۋاز قوشماي تۇرۇۋالغانلىقى ھەرقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن ھەر خىل يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

4-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو نۇقتىلىق قىلىپ خىتاينىڭ ھازىر سودا ۋە ئىقتىساد ئامىلىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا دۇنياغا ئۆزنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى دىكتاتورلۇقىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئەڭ تىپىك قۇربانلىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭغا ئۇلاپلا، خىتاينىڭ سىياسىي جۇغراپىيە ۋە ئىقتىساد كوزىرىنى ئوينىتىش ئارقىلىق خەلقئارادىكى دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە باشقا دۇنياۋى ئۆلچەملەرنى بۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلىق ماتېرىياللار ئوتتۇرىغا چىققان تۇرۇقلۇقمۇ ئىسلام ئەللىرىدىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى گوري گاردنېرمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە ھەمدە ھەرىكەت ھەمكارلىقىغا كېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى ئالايىتەن يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشى توغرىسىدا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئوقۇرمەنلەر سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان «دىپلومات» گېزىتىنىڭ 4-دېكابىر سانىغا بېسىلغان مەدىنە باكايېۋا ئىمزاسىدىكى «مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان كۈلپەت ئالدىدا گاچا بولماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ماقالە ئاپتورىنىڭ پىكرىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە بۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ قانداق قاباھەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تېزدىن تاقاش، سىياسىي ۋە دىنىي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ قاماققا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان. ئەمما ئوتتۇرا شەرق ياكى ئىسلام دۇنياسىدىن بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس چىقمىغان. پەقەت بومباي شەھىرىدە ۋە باڭلادىشتا بىرەر يۈزچە مۇسۇلمان ئاممىسى كوچىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە نامايىش قىلغان.

ماقالە ئاپتورى بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ «ئىسلام دۇنياسى دانىيەدىكى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىمىنى سىزىش ۋەقەسى ياكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ھەققىدە كۆپلەپ پىكىر قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىشقا جىم تۇرۇۋالىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى داڭدار ئىسلام ئالىملىرىدىن ئۆمەر سۇلايماننىڭ جاۋابىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا پۈتۈنلەي بىپەرۋا بولۇۋالدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلار دىن جەھەتتە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتايدىكى لاگېرلاردا قىيناققا ئۇچراۋاتىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان قاتارىدا كۆرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن ياقا يىرتىش ئۇلارنىڭ يادىغىمۇ كەلمەيۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ئەمما ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور دەرىجىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى داھىيلارنىڭ قانداق چوت سوقۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىغا 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئەرەب دۆلەتلىرىگە 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مەبلەغ سالغان. ھەتتا ئافرىقىدىكى نامراتراق دۆلەتلەرگە ۋاقتى كەلگەندە بۇ قەرزلەرنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن مەيلى ب د ت بولسۇن ياكى باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا بولسۇن ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى چىققان ھامان بۇ دۆلەتلەر دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياقلاپ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ.

گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بولسا بۇ مەسىلىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئويلاشماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىنى چۈشىنىش قىيىنغا چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاينى ھىمايە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ دۆلەتلەردىكى ئاۋام پۇقرالارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ياخشى خەۋەردار، دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭ بىر ئىنكاسى ئەرەبچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىدىكەن. بۇ جەھەتتە «ئەل جەزىرە» دىن باشقا تۈزۈكرەك خەۋەر ياكى مەلۇماتلار بەرگەن ئەرەبچە گېزىت-ژۇرناللارمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خەۋەر مەنبەلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشىنى بۇنىڭغا قوشۇمچە بىر سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولسىمۇ، ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلمەسلىكى يەنىلا مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلىپ «بىز مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئۇيغۇر داۋاسىنى يېتەرلىك ئاڭلىتىپ كېتەلمىدۇق، دەپ قارايمەن» دەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئىش كۆرمىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىسلام دىنىغا تەڭلەشتۈرۈپ قويۇشتەك ئۇقۇم خاتالىقىدىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن خېلىلا ئاشكارا تۇتىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 20 مىلياردلىق خىتاي مەبلىغىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەردە بولۇشى، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.