1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا، «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ 2016 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن، بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى ۋە بەزى ئۇقۇملارنىڭ بەك مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا بۇ قانۇنلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ساھەلەردە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئەقىلنى ئىشلىتىپ پىكىر - تەپەككۇر قىلغاندا ئەقلى جەھەتتىن ئۇلارنى يېڭىشكە بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىلنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىش كېرەكلىكىنى، پىكىر - تەپەككۇر قىلغاندا، پىتنە تېرىش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆزلەش قاتارلىق نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەردىن ئۇزاقلىشىپ، ئىنسان ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندا ئارىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن يول ئېچىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىندا يەنە، ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندىلەر پىكىر بايان قىلىپ، بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىلنى ئىشلىتىپ پىكىر - تەپەككۇر قىلغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭمۇ پىكىر - تەپەككۇر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.