تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن مەلۇماتلار

0:00 / 0:00

شۇ جاي ۋاقتى 15- ئىيۇل (جۈمە) كېچىدە تۈركىيە ئارمىيەسى تېلېۋىزىيىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار ئىستانبۇل كوچىلىرىغا ھەربىي تانكىلارنى ھەيدەپ كىرىپ، ئىستانبۇل ئايروپورتىنى كونترول قىلغانلىقى ۋە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنى ئىگىلىگەنلىكى جاكارلىغان.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ئەمەسلىكىنى، بىر قىسىم «قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان ئەينى چاغدا تۈركىيە ئىچىدىكى بىر ساياھەت ئورنىدا ئىستىراھەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيىسىگە تېلېفون ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە خەلقنى كوچىغا چىقىپ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارىشى تۇرۇشقا چاقىرىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەردۇغاننىڭ چاقىرىقىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا نامايىشقا چىققانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئايرودرومىدىن بۇ رەسىمنى يوللاپ بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىن ئىستانبۇل مەركىزىگە قاراپ يولغا چىققانلار ئارىسىدىكى مۇخبىرىمىز ئارسلان تاش نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇندى. تۆۋەندىكىلىرى ئارسلان تاش جۈمە چىقار شەنبە كىرەر كېچىسى ئىستانبۇل كوچىلىرىدا تارتقان بىر قىسىم سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى.

شەنبە كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىلەن يىلدىرىم يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان. تـۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردۇغان ئىستانبۇل ئايرودرومىدا بەرگەن باياناتىدا ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر خائىنلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، نامايىشلار، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى قالايمىقانچىلىقلار ھېلى ھەم داۋام قىلماقتا. كىمنىڭ ۋەزىيەتنى ھەقىقىي كونترول قىلغانلىقى، ھەربىي ئۆزگىرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە داۋالىق خەۋەر بېرىشكە تىرىشىمىز.