ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.04.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-izmir-alimjan-inayet-sherqiyt-turkistan-doklat.jpg پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىزمىر شەھىرىدىكى ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى كايخان ئەرجىيەش ئەپەندى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى مۇدىرى گۈلنۇر ئەرجىيەش خانىم ۋە دىپلوماتىيە كۇلۇبى مەسئۇلى دەفنە ئەرزەنە بۇرگىن خانىم ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئالدى بىلەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى دىپلوماتىيە قۇلۇبى مەسئۇلى دەفنە خانىم ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

يىغىندا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئو - سىياسىي ۋە گېئو مەدەنىيەت ئەھمىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىل دوكلات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا توختالدى.

ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دىپلوماتىيە كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈشرا بۈرلۈكقارا خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. بۇ ھەقتە داۋاملىق خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، داۋاملىق توغرا خەۋەر چىقمىغاچقا، بۇ خەۋەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشتىن قورقاتتۇق. چۈنكى، خەۋەرنىڭ توغرا مەنبەدىن كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى بىلەلمەيتتۇق. شۇڭا بۇ دوكلات بەكلا پايدىلىق بولدى، چۈنكى، نېمە مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىۋالدۇق. دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بەك تەسىرلەندى، بۇندىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى، تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى، ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقماقتا ۋە بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.