كانادا باش مىنىستىرى ۋە مىللەت ۋەكىلىنىڭ رامىزانلىق سۆزى ئالقىشقا ئېرىشتى
2016.06.13
يېقىندا، كانادادىكى لىبېرال پارتىيەسىدىن بولغان مىللەت ۋەكىلى مارك ھوللاندنىڭ، كانادا پارلامېنتىدا رامىزان ھەققىدە قىلغان ئىجابى سۆزلىرى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئالقىشقا ئېرىشتى. پارلامېنتتا سۆز قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالغان مارك ھوللاندنىڭ، سىياسىي ۋەيا ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە ئەمەس، بەلكى رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيىتى ھەققىدە توختىلىشى دىققەت چەكتى.
«روزا تۇتۇش ناھايىتى ياخشى بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مارك ھولاند ئۆتكەن يىلى روزا تۇتقانلىقىنى ۋە بۇ يىلمۇ روزا تۇتماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«روزا تۇتۇش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ»
روزا تۇتۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى مىليونلارچە كىشىگە ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھوللاند «رامىزاندا روزا تۇتۇپ كۈن بويى بىر نەرسە يىمىگەندىن كېيىن، پۇلىڭىز يانچۇغىڭىزدا قالىدۇ. بۇ پۇللارنى پۇلغا ئېھتىياجى بولغانلارغا ياردەم قىلالايسىز ۋە ئۇلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيسىز» دېدى.
ئۇندىن باشقا يەنە كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ رامىزان ھەققىدە قىلغان تەبرىك سۆزىمۇ كانادا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن.
«روھى يولچىلىق»
رامىزان ھەققىدىكى تەبرىك سۆزىنى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روزى رامزانلىرىڭلار مۇبارەك بولسۇن دەپ باشلىغان جۇستىن ترېدۇ سۆزىدە،«كانادا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، بىر ئايلىق روزا، ناماز ۋە تەپەككۈر قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن رۇھسال يولچىلىققا چىقىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئاي رامىزاندا، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقىنى، نامراتلارغا نىسبەتەن قولىنى كەڭ ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.» ترېدۇ رامىزان تەبرىك سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «رامىزان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز - ئارا ئىچ قويۇن بولغان بىر مەزگىلىدۇر. بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار قوشنىلىرى ۋە دوستلىرىنى ئىپتارغا چاقىرىپ، تەڭ يىيىشىدۇ، بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ ۋە بىر - بىرلىرىنى سەدىقە بېرىشكە، شۇنداقلا خەير ساخاۋەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. رامىزان، ئاللا بەرگەن نىمەتلەرگە شۈكرى قىلىشنى ۋە بۇ نىمەتلەرگە ساھىپ بولالمىغانلارنى ئۆزىمىزدىن ئاۋۋال ئويلىشىمىز كېرەكلىكىنى خاتىرىلىتىدۇ.»
«كانادانىڭ كۆپ خىل مەدەنيەت ئالاھىدىلىكى»
كانادانىڭ كۆپ خىل مەدەنيەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇستىن ترېدۇ، «كانادانىڭ كۆپ خىل مەدەنيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچلىرىنىڭ بىرى بولغىنىغا ئوخشاشلا، ئەينى چاغدا يەنە ئەڭ مۇھىم غۇرۇر مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
ئىلگىرى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ناماز قىلىۋاتقان رەسىملىرى كەڭرى تارقالغان جۇستىن ترېدۇنىڭ، روزا تۇتقان مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلىشى ۋە تەبرىك سۆزى سۆزلىشى، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
گەرچە كانادانىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى رامىزان ھەققىدە ئىجابىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ رامىزان ۋە روزا تۇتۇشنى مەدھىيەلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زور پەرق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، «ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلدى، ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تۈنۈگۈن كەلگەن ئاز ساندىكى خىتايلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن دىنىي ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.