«كانادا پۇقرالىقىنى كۈچەيتىش قانۇنى» ئەندىشە پەيدا قىلدى
2015.06.09
كانادا پارلامېنتى 2014 - يىلى ئاپرېلدا «كانادا پۇقرالىقىنى كۈچەيتىش قانۇنى» يەنى«C - 24قانۇنى» نى بەلگىلەپ چىققان. مەزكۇر قانۇن ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە توختالغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چېگرا ھالقىغان جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشتە كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما قانۇندىكى بىر قىسىم يوچۇقلار ئۇلارنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇندىكى يوچۇقلار خىتايدەك دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كانادادا پاناھلانغان بىر قىسىم كىشىلەرنى پاراكەندە قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
قانۇندا «بايلىق ئوغرىلاپ خىيانەت قىلىش جىنايىتى» ئۆتكۈزگەن، «باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كانادادا تۇرۇپ ئىشپىيونلۇق قىلغان»، «كاناداغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتكە قاتناشقان» ياكى «باشقا دۆلەت تەرىپىدىن تېررورىست دەپ ئەيىبلەنگۈچى» لەرنىڭ كانادا پۇقرالىقى بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىقى كاتېگورىيەگە كىرگۈچىلەرنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ كانادا پۇقرالىقى كانادا كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار ئىدارىسى تەرىپىدىن دەرھال بىكار قىلىنىدىكەن.
ئىلگىرى بۇ خىل جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەر كانادا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى، كانادا كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار ئىدارىسى، كانادا ھۆكۈمەت كونسۇلى تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولۇپ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە خىراجەت تېجەپ قېلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
«C - 24قانۇنى» گەرچە كانادانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ گۇناھسىز كىشىلەرنى جىنايەت تۆھمىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئېلىپ كېتىشىگە يول ئېچىش مۇمكىنچىلىكى ئېغىر.
بىز بۇ ھەقتە كانادا كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار ئادۋوكاتى شانتال دەسلوگەس خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
شانتال خانىم «C - 24قانۇنى» نىڭ كانادانىڭ بىخەتەرلىكىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «C - 24قانۇنى» جىنايەتچىلەرنىڭ بولۇپمۇ تېررورچىلارنىڭ كاناداغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كانادادا ياشاپ تۇرۇپ قوش پۇقرالىقىنى ساقلاپ باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ كانادا پۇقرالىرىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا دەخلى تەرز قىلىۋاتقان ئىشپىيونلارمۇ ئەمدى قاتتىق چۆچۈشى ۋە ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىدىن قول ئۈزۈشى مۇمكىن.
«C - 24قانۇنى» كانادادا تۇغۇلغانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، بەزى كانادالىقلار بۇنىڭ كانادادا تۇغۇلغان پۇقرالار بىلەن تۇغۇلمىغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەرز توپلىماقتا.
ئەمما شانتال خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى باشقىچە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەرگىزمۇ پۇقرالارغا ئايرىمىچىلىق قىلغانلىق ئەمەس، چۈنكى كانادادا تۇغۇلغان ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىقى يوقلارنىڭ قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان دۆلىتى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قانۇن ئۇلارغا ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر بىر كىشى گەرچە كانادادا تۇغۇلغان تۇرۇپمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن باشقا دۆلەت پۇقرالىقىنى ساقلىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇ قوش پۇقرالار ئۇچرىغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ كانادادا تۇغۇلغان ياكى تۇغۇلماقلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
ئۇنداقتا بۇ قانۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەپ كەلگەن كاناداغا كېلىشتىن بۇرۇن باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا تەۋە بولمىغان دۆلەتسىز كىشىلەرگە قارىتىلامدۇ، يوقمۇ؟ شانتال خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئەلۋەتتە ئۇلارغا قارىتىلمايدۇ، كانادا ئەلۋەتتە «C - 24قانۇنى» نى چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋەتەنسىز كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقان دەيدۇ.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قوش پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىقىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان قانۇن بەلگىلىگەن بولسىمۇ ئەمما كانادا پۇقراى ھۈسەيىن جېلىلنى خىتاي پۇقراى ئىدى، دەپ تېررورىزم بىلەن قارىلاپ تۇتۇپ كەتتى. ھۈسەيىن جېلىل ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق كاناداغا پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، كاناداغا كەلگەندە قولىدا خىتاي پاسپورتى يوق ئىدى.
«C - 24قانۇنى» غا ئاساسەن تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنىڭ كانادا پۇقرالىقى بىكار قىلىۋېتىلسە ئۇنداقتا ھۈسەيىن جېلىلغا ئوخشاش تۆھمەتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قانۇن تۈپەيلىدىن ھەقسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.
شانتال بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتتە ئەيىبلەنگەنلىكىنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ ئولتۇرمايدىغان بولغاچقا خىتايدەك دۆلەتلەرنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ گۇناھسىز كىشىلەرنى ئېلىپ كېتىشىگە قۇلايلىق يارىتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇ كىشىلەر قوش پۇقرالىقىنى ساقلىماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىقىنى ساقلىمىغانلارغىمۇ يالغان پاكىت بىلەن ئېسىلىۋالىدىغانلىقتىن ھەقىقەتەن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا يول ئاچىدۇ.