كانادا ئالاھىدە ۋىزىسى ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشىغا قولايلىق ياراتتى

0:00 / 0:00

كانادادا يېڭى يولغا قويۇلغان ئالاھىدە ۋىزا تۈزۈمى، كاناداغا يەرلەشكەن كۆچمەنلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چاقىرتىپ كېلىشىگە كۆپ قولايلىق ياراتقان. بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بېرى ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان مىڭلىغان ئائىلە كانادادا جەم بولغان.

كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2011-يىلى 12-ئايدىن تارتىپ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئاتا-ئانا ۋە چوڭ ئانا-چوڭ ئاتانىڭ كاناداغا كېلىشىگە ۋىزا بېرىلگەن. ئۇلار كانادا گراژدانلىق ۋە كۆچمەنلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جەيسون كەنني يولغا قويغان ئالاھىدە ۋىزا ئارقىلىق كەلگەن.

بۇ خىل ۋىزا، بېجىرىلىش ۋاقتىنىڭ تېز ۋە رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاددىي بولۇشى بىلەن كانادا كۆچمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشىغا قولايلىق ياراتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئايدا 1000 دىن ئارتۇق ئالاھىدە ۋىزا بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋىزىغا ئېرىشىش نىسبىتى 86% تىن يۇقىرى ئىكەن.

كانادا كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك كۆچمەن دۆلىتى. ئىلگىرى كانادا ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كېپىللىك ۋىزىسىنى يولغا قويغان. ئۇنىڭدىكى شەرتلەر ئېغىر بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ كۆرۈشۈشى قىيىنغا توختاپ كەلگەن ئىدى.

كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى پامىلا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالاھىدە ۋىزا بىلەن كېپىللىككە چاقىرىش ۋىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ۋىزا 5-10 يىللىق مۇددەت بىلەن بېرىلىدىغان بولۇپ، چاقىرغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ مۇددەت ئىچىدە خالىسا كېتىپ، خالىسا كېلىپ تۇرىدۇ. كاناداغا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشقۇچى سۈپىتىدە كەلمەيدۇ. كېپىللىك بىلەن چاقىرىلغان ئاتا-ئانىلار مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھەل بولغىنىغا قەدەر ئۇزۇن مۇددەت چاقىرغۇچى ئاتا ئانىسىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈشى ئۆزلىرىمۇ چوقۇم ئاتا ئانىسىنى شۇ مۇددەتتە باقالىغۇدەك كىرىمنى مۇقىم تۇتۇپ مېڭىشى كېرەك. ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسىغا ئالاھىدە ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ چوقۇم دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن كىرىمى بولۇشى كېرەك بولۇپ، بۇ كېپىللىك ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىشتا بەلگىلەنگەن كىرىم بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىكەن.
پامىلا خانىم مۇنداق دېدى:كانادادا ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئاختۇرۇلسا، ئۇ يەردە چاقىرغۇچىنىڭ كانادادىكى ئائىلىسىنىڭ جان سانىغا قارىتا قانچە كىشىنى چاقىرتىش ئۈچۈن قانچىلىك كىرىمى بولۇشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار. ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن بولغان كىرىم چەكلىمىسىمۇ ئائىلە جان سانىغا كۆرە ئوخشىمايدۇ. كىرىمنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى جان سانى ۋە شۇ ئائىلىدىكى ئىشلەيدىغان ئادەم سانىغا كۆرە بەلگىلىگەن.

كاناداغا پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق يەرلىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە كېپىللىك ۋىزىسى بىلەن ئاتا-ئانىسىنى چىقارغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى كەلگەندىن كېيىن پاناھلىق تىلىشىگە توغرا كېلىپ قالسا، گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى چاقىرغۇچىدىن بۇ توغرىدا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلمىسىمۇ، ئەمما چاقىرغۇچىنىڭ كېيىن يەنە قايتا باشقىلارنى چاقىرىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشى قىيىن بولىدىكەن.

پامىلا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: بۇنىڭ چاقىرغۇچىغا باشقا تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما، ئۆزىگە يامان تارىخ يارىتىپ قويغانلىقتىن، كېيىن قايتا ئادەم چاقىرىشى تەسكە توختايدۇ.

پامىلا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاھىدە ۋىزىنىڭ بېجىرىلىش رەسمىيەتلىرى ۋە شەرتلىرى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پەقەت چاقىرغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا ۋە چاقىرغۇچى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر يىللىق سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋالسىلا كۇپايە.

ئادەتتە بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار باشقا شەرتلەردىن ئۆتۈس مۇمكىنچىلىكى 99 پىرسەنت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋىزا ئېلىشى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە قولايلاشقان.