4 - ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتلىرى مەركىزىدە «يىپەك يولىدىن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا نەزەر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.
بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۈدۈرى دوكتور ئاتھار خۇسائىن ئەپەندى قىلدى. ئۇ سۆزىدە تەتقىقات مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن زالىنى رەسىم تارتىشىمىزغا، دوكلات بەرگەن ئالىملارنىڭ كۆپىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمىغان بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىنىي بېسىم ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى»، «بېيجىڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە»، «تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، «يوقىلىپ كېتىش تارىخنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدۇر»، «ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان خەۋپلەر»، «مۇسۇلمانلار، مۇقىملىق: خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى.
ئاخىرىدا ئەنۋەر توختى بىلەن قەيسەر ئابدۇرۇسۇلمۇ قاتناشقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
0:00 / 0:00