مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى مالايشىيادا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى
2019.02.15

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، ئاۋسترالىيەدىن ئابدۇسالام ئالىم، ئىستانبۇلدىن دوكتور ئېلى روزى قاتارلىق تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە مالايشىيادا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
ئۇيغۇر ھەيئەت مالايشىيادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىر يۈرۈش يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەن، بىر قىسىم گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيا خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان شۇنداقلا مالايشىيا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مەسئۇلى، دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئالىم رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيا زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا مالايشىيانىڭ «گىلوبال فېس»، «ئەل-ھىجرەت»، «ئاۋانى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە «نېشىنال گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيا خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى مالايشىيا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن ئايدىمۇ مالايشىيانى زىيارەت قىلغانلىقىمىزنىڭ خەۋىرىنى خەلقىمىز بىلەن ھەمبەھىرلەشكەن ئىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقان ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ ئاڭلىتىش، خەلق ئاممىسىغا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە كەڭ ئاڭلىتىش ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قىلىش مەقسىتىدە بۇ زىيارەتنى ئېلىپ باردۇق. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ نۇقتىدا كوئالا-لانپوردىكى تەسىر دائىرىسى كەڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەر قۇرۇلدى.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا «ۋەدەھ»، «گىلوبال فېس» قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى شۇنداقلا بىر قىسىم رەسمىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە ھازىرچە تەپسىلىي توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادا تېخىمۇ كېڭىيىدىغان بىر ۋەزىيەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇسالام ئالىم بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جىددىي يوسۇندا ئۆتكەنلىكىنى، بىر قىسىم ئورگانلارنىڭ مۇھىم شەخسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە يەنە ئىلگىرى ئېلىپ بارغان زىيارەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ھازىر مالايشىيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار بارا-بارا تونۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسالام ئالىم يەنە «ئاۋامى» دېگەن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىش جەريانىدا خىتاينىڭ مالايشىيادىكى ئەلچىخانىسىدىن تاڭ تاڭ ئىسىملىك بىر خادىم تېلېفون ئارقىلىق پروگراممىغا قاتناشقان. ئۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قىسىم سەپسەتىلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئابدۇسالام ئالىم خىتاي دىپلوماتنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئاڭلاتقان. بولۇپمۇ خىتايلار ئىنكار قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن ھازىر سىڭلىسى قاتارلىق 10 كىشىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغانلىقىنى دەلىل-ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئابدۇسالام ئالىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بۇ خەلقىمىزگە ئۈمىد بېرىدىغان بىر قەدەم بولدى» دېدى.
مالايشىيا ئادالەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئىبراھىم «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قىسىم مۇھىم بايانلارنى بەرگەن ۋە خىتاينى تەنقىد قىلغان. تۈركىيە «قارار» گېزىتىنىڭ 14-فېۋرال كۈندىكى سانىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى تەنقىد قىلىپ، «بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈنمۇ زور پاجىئەدۇر» دېگەن.