كونيادىكى «خىتاي باغچىسى» «مەخمۇت قەشقىرى باغچىسى» غا ئۆزگەرتىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىنىڭ مەرام رايونلۇق ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا كوزاغاچ مەھەللىسىدىكى خىتايچە نام بىلەن ئاتالغان «يۇئېشىئۇ باغچىسى»نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش قارارى ماقۇللاندى. كونيادىكى ئىچىدە كۆپ ساندا ئۆسۈملۈك ۋە كۆللەر بار بولغان بۇ چوڭ باغچىنىڭ ئىسمى «مەخمۇت قەشقىرى باغچىسى»دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

مەرام رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى تاتما تورۇ خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئايلىق ئىككىنچى قېتىملىق مەجلىستە بۇرۇنقى رايون باشلىقى مەزگىلىدە خىتاي بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ خىتايچە «يۇئېشىئۇ باغچىسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان باغچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەن. مۇزاكىرە ئاخىرىدا خىتاينىڭ يۇئېشىئۇ شەھىرىنىڭ ئىسمى قويۇلغان باغچىنىڭ ئىسمىنى «مەخمۇت قەشقىرى باغچىسى» دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان.

بۇ باغچە كونيا ۋىلايىتىدىكى بىردىن بىر ئۆسۈملۈك ۋە كۆل بار باغچە بولۇپ، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاينىڭ يۇئېشىئۇ شەھىرى بىلەن كونيا مەرام رايونلۇق ھۆكۈمەت دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا مەزكۇر ئىسىم بېرىلگەن. بۇ قارار رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىگىمۇ باش خەۋەر سۈپىتىدە قويۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن كونيادا ئوقۇغان تەتقىقاتچى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، خىتايچە نامى بېرىلگەن بۇ باغچىنىڭ ئىسمىنىڭ مەخمۇت قەشقىرى باغچىسى دەپ ئۆزگەرتىلىشىگە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەب بولغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.