موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.02.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Moskva-yumilaq-ustel-yighini-2019-01.jpg موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-فېۋرال. موسكۋا، رۇسىيە.
RFA/Oyghan

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا رۇسىيەدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەر خىل شەكىلدە ۋە دائىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي-مۇسۇلمان يەرلىك خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەيىبلەنمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى ئايدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ موسكۋا، قازان شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بىر نەچچە قېتىم ئەرز سۇنغان. دائىرىلەر دەسلەپ رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىش ۋاقتى يېقىنلاشقاندا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نامايىشىنى توسقان. 

ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىندا رۇسىيەدىكى بىر قانچىلىغان جەمئىيەتلەر رەھبەرلىرى بىرلىكتە موسكۋا مىللەتلەر ئۆيىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان. «خىتاي مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرماقتا» دەپ ئاتالغان مەزكۇر پائالىيەتنى موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوف ۋە تونۇلغان ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋالېنتىن گېفتېر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ھەمراجان زايىتوف، خەلقئارا ئادۋوكات تىموفېي شىروكوف، شۇنداقلا تونۇلغان رۇسىيەلىك پائالىيەتچى ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچىلار قاتناشقان.

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرى مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوف ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەقىبلىنىش تارىخى، ھازىرقى ۋاقىتتىكى تەقىبلەشلەر دائىرىسى ھەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى رۇسىيە جامائەتچىلىكىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ يۆنىلىشتە رۇسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ئەپەندى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەۋقەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە دائىرىلىرى دائىم چوڭ خىتاي دۆلىتى ئالدىدا ئۆزىنى مۇلايىم ۋە ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئەمەلىيەتتە رۇسىيە مەمۇرىيىتىگە ھەر قانداق بىر نامايىش ياقمىغانلىقتىن ئۇنى ئىككىنچى پىلاندىكى ئىش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ ھەم پەيدىن-پەي بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. 9-فېۋرالغا بەلگىلەنگەن نامايىشىمىزنى موسكۋا مەمۇرىيىتى شۇنداق مەنئى قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن 22-فېۋرالغا يەنە ئەرز سۇندۇم. ئەمما يەنە شۇنداقلا جاۋاب بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇلارنى مۇبادا رۇخسەت بەرمىسەڭلارمۇ بەرىبىر بۇ كۈنى كۆپ ئادەم نامايىشقا چىقىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. ئۇلار ئويلىنىپ كۆرسۇن. شۇ نەرسە تەبىئىيكى، مۇبادا ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيەنى تۇتقان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى پاش قىلىش پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت ئېلىشقا بولار ئىدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ ھازىر مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت رۇخسەت بەرمىسىمۇ، خەلق نامايىشقا چىقىدۇ.» 
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيەنىڭ «ناستوياشېيې ۋرېميا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «لاۋروف: مەن خىتايدىكى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى ھەققىدە بىلمەيمەن، ئەمما شىنجاڭدا مىڭلىغان دىنىي رادىكالچىلار» ناملىق ماقالىدا سېرگېي لاۋروف مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ھەقتە بىلمەيمەن. مەن يېقىندىلا ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى ئاكتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئوقۇدۇم. بىز باشقا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىمىز بار.» 
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «رۇسىيە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك دوست. پۇتىننىڭ سېكرېتارى ‹خىتاينىڭ ئىشى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇنىڭغا ئارىلاشمايمىز› دېدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف بۇنى تەكرارلىدى. موسكۋادىكى ئاھالە لاگېرلار ھەققىدە بىلمەيدۇ. بۇنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ياشلار خىتاينىڭ سىبىرىيەنى بېسىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇ يەردە كەڭ تارقالمىدى.»

شەرىف ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەس ئىكەن. موسكۋا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا 400-500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئۇلار چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە كۆپ بولسا 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى يىغىش مۇمكىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە خەۋەرسىز ئىكەن. شەرىف ئەخمەتوف شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاھالە ئارىسىدا تەشۋىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.