ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ لاگېر مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە كېلىپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى تاييىپ سابرى ئەردىل ئەپەندى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللا ئايار ئەپەندى، تۈركىيە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى خالىت ئەرەن ئەپەندى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغان دوكلاتنى سۇندى.
بۇ ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيارى، ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەسئۇلى جەلال ئەرباي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى رەئىسى مەخمۇتئىمىن، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلغېنى قۇتۇبى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇلى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلەخەت ئۇچقۇن ھەم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن نىياز داموللام، ھەبىبۇللا كۈسەنى ۋە ئابدۇلغاپپار تامۇيغۇر قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان.
شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ئەزا 15 تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى 8-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى قوبۇل قىلدى. ھەيئەت ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان دوكلاتى سۇنغاندىن كېيىن، ئۇ، سۆزلەپ پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشىشىنى، خىتايلار قايسى ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇ ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي، قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. لاگېردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز زۇلۇمغا قارشى تۇرىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى بۇرۇندىن تارتىپ قوللاپ كېلىۋاتىمىز، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايمىز».
ئاخىرىدا ئۇ: «تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 100 كۈنلۈك خىزمەت پىلانىنى جاكارلىغاندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بولار؟ دېگەن سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىن ياشىشى كېرەك. بولمىسا بۇ مۇناسىۋەت ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن لاگېرنى دەرھال ئېتىۋېتىشى كېرەك. مەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسىگىمۇ بۇ تەلەپلىرىمنى دېدىم».
ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىش، ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشتەك مەسىلىلەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنى ئۇيغۇر ھەيئەتنى قوبۇل قىلغاندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا لاگېرلاردا بىر مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى تاقىۋېتىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلدى.
جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئەنقەرەدىكى تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەتتىن بىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلەخەت ئۇچقۇن ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى 2014-يىلىدىن تارتىپ بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزمەكتە.