ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نورۋېگىيەدىكى يەرلىك سامىلار پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

12-ئىيۇن كۈنى ئوسلودىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى نورۋېگىيەدىكى يەرلىك مىللەت - سامىلار ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى خەلچەم مەمتىمىن خانىمدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى 12-ئىيۇن كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن شىمالغا ماڭغاندا 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سامىلار پارلامېنتى جايلاشقان كاراسياك شەھىرىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.

سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، يەنى نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كېسىشكەن رايونلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، شىمالىي قۇتۇپ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان قەدىمىي مىللەت-سامىلار زادى كىم؟

سامى پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى. ئۇ سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان قەدىمىي مىللەت سامىلارنىڭ ئىلگىرىكى زامانلاردا خۇددى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا كۈلپەتلىك ھاياتلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سامى» دېگەن بۇ سۆز ھەم مىللەتنىڭ ھەم جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ ھەم بۇ مىللەت ئىشلىتىۋاتقان قەدىمىي تىلنىڭ ئورتاق نامى ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى سامى رايونىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان كاراسيوكتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى سامىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن خەلچەم خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرى ۋە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كاراسيوك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سامىلار پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەريانىدا ئۇلار سىكاندىناۋىيەدىكى قەدىمىي يەرلىك مىللەت سامىلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۆۋەتتە كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى سامى خەلقىگە ئاڭلىتىش يولىدا تېرىشچانلىقلار كۆرسىتىدىكەن.