نورۋىگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوسلوغا جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
RFA/Haji Qutluq Qadiri


19 - مارت كۈنى نورۋىگىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوسلو شەھىرىگە جەم بولۇپ بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

نورۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016 - يىللىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش پائالىيىتىنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن نورۋىگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەشكىللىگەن.

پائالىيەت ئوسلو شەھىرىدىكى كالبوتون يىغىلىش زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن يەتتىگە قەدەر داۋام قىلغان. پائالىيەتكە جەمى يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان.

نورۋىگىيەنىڭ مەركىزى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تونۇلغان ئاتاغلىق ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ،پائالىيەت ئالدى بىلەن ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆز ئانا تىلىدا ۋە ئىسلامىي بىلىملەردە تەربىيلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ جاراڭلىق شېئىرى دېكلاماتسىيەلىرى بىلەن باشلانغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى. مائارىپچى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم، بۇ يىلقى ئوسلودا ئېلىپ بېرىلغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرى يىللاردىكى قۇتلاش پائالىيىتىگە قارىغاندا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا تارىختا ئۆتكەن بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قۇل قىلىش جەھەتتە نېمەلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدىن ئارىيەلەر تەقدىم قىلغان. نورۋىگىيەنىڭ تالانت سەھنىسىدە تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىسى ئېلدوس بىلەن شىۋېتسىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان گېتار ماھىرى مالىك بىرلىكتە بىر قىسىم يېقىملىق ناخشىلارنى ئورۇنلىغان.

نورۋىگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دىنىي تەربىيىچىلىرىدىن تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدە ياش - ئۆمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرى نورۇز ئەھلىنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازلىرى بىلەن توۋلىغان ۋەتەن، مىللەت، ئانا ھەققىدىكى جەڭگىۋار كۈيلىرى جامائەتنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككەن. دىنىي ئۆلۈما تۇرغۇنجان ئەمەت يەنە، نورۇز بايرىمىنىڭ ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، جامائەتنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسلودا ئېلىپ بېرىلغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە يىراق شەھەردىن كېلىپ قاتناشقان ئالىم ئابلىز ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت