پاكىستاندىكى ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇغېنىجان تىجارەتچىلەر سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 - فېۋرال پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرى راجا بازار رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان رايونلۇق سودا - سانەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىدا پاكىستاندا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇغېنىجان كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ بۇ قېتىمقى سايلامدا رەئىسلىككە سايلانغان.

بىز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قازانغان ئابدۇغېنىجان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

بىز، سايلامدا ئابدۇغېنىجان ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاس ۋە قاراشلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.