پاكىستاننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى تونۇشتۇرۇپ مەخسۇس ژۇرنال نەشر قىلغانلىقىغا قارىتا ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.22
pakistan-shi-jinping-kitab.jpg پاكىستاننىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنى تونۇشتۇرۇپ يازغان تۇنجى كىتابى «2015-يىللىق سىياسىيون ‏- شى جىنپىڭ» نى تارقىتىش مۇراسىمى. 2016-يىلى فېۋرال، ئىسلامئاباد.
news.cn

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 19-فېۋرال كۈنى «پاكىستان تەكشۈرگۈچى گېزىتى» نەشر قىلغان «2015-يىللىق سىياسىيون ‏- شى جىنپىڭ» باش تېمىسىدىكى رەڭلىك مەخسۇس ژۇرنالنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 19-فېۋرال كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 18-فېۋرال كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا پاكىستاندىكى مودا ئېقىمدىكى ئىنگلىزچە گېزىت «پاكىستان تەكشۈرگۈچى گېزىتى» نەشر قىلغان «2015-يىللىق سىياسىيون ‏- شى جىنپىڭ» باش تېمىسىدىكى 100 بەتلىك رەڭلىك مەخسۇس ژۇرنالنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەزىز بۇ ژۇرنالنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇراسىمغا جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ ۋە پاكىستان-جۇڭگودىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى زاتلاردىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەزىز مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ بىر يىراقنى كۆرەر، بىلىمى مول، كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون. ئۇ جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە ۋە تونۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› تەشەببۇسى كەڭ ۋە پارلاق تەسىرگە ئىگە بولدى. ‹جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى› بىر بەلۋاغ، بىر يولدىكى بايراقدار تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان ۋە پۈتۈن رايوننىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتە غايەت زور رول ئوينايدۇ.»

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، «مەخسۇس ژۇرنال 100 بەتكە يېقىن بولۇپ، سۈرەت بىلەن يېزىق كىرىشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەمدە ئائىلە تۇرمۇشى ھەرخىل نۇقتىدىن ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان.»

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ: «پاكىستان تەكشۈرگۈچى گېزىتى» نىڭ پاكىستاندا ئەلرايى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى 2015-يىللىق سىياسىيون قىلىپ تاللىشى ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس ژۇرنال نەشر قىلىشى پاكىستاندىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگونىڭ رەھبىرىگە بولغان يۈكسەك قايىللىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا ۋە قوللاشقا ئېرىشىپ، مۇستەھكەم ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە بولغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم ۋە خىتاينىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق دىپلوماتى، ھازىر شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كېرەم شېرىپ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.