پاكىستاندىكى ئۇيغۇر يىگىتى ئاقىلجان ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

0:00 / 0:00

6-ئۆكتەبىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىدا 30 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئاقىلجان كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ بۇ قېتىمقى سايلامدا رەئىسلىككە سايلانغان.

ئاقىلجان پاكىستاندا تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن پاكىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن.

پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقىلجان پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىككىنچى ئۇيغۇر ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى 1965-يىلى راۋالپىندى ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم نامانجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رەئىس بولۇپ سايلانغان ئىكەن.

ئۇيغۇر يىگىتى ئاقىلجاننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ ھاياجانغا سالغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن شادلانغان.

بىز مەزكۇر سايلام ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سايلام پائالىيىتىگە قاتناشقان راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.