خىتايدا غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر مەجبۇرىي «قايتا تەربىيىلەش» كە دۇچ كەلمەكتە (2)

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئېلاۋىسى: تىنچ شەكىلدە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى نىشان قىلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن «خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھېمايىچىلىرى» يېقىندا نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەخسۇس دوكلات سۇنغان. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلارغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاللىقاچان ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەر ئاساسىدا بايان قىلىنغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ ئاڭلىغۇچىلىرىمىز دىققىتىگە سۇندۇق. دوكلاتنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئەسلى تېكىستكە سادىق بولۇش ئاساسىدا تەييارلاندى.

تارىم ۋادىسىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 30 پىرسەنتى قانۇنسىز داۋام قىلىۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» تە

بىز 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى قەشقەر ۋە پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدىكى يېزا ئاھالىسىدىن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» لاگېرلىرىغا سولانغانلار ياكى مەجبۇرىي بولغان «قايتا تەربىيەلەش» كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئىدىتلاپ چىقتۇق. بۇ قېتىملىق ئىدىتلاشتا قەشقەر يېزىلىرىدىكى زىيارەت ئوبېكتىلىرىدىن كەلگەن چەكلىك مەلۇماتلار، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان سان-سېفىرلار، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تىكى، جۈملىدىن «قايتا تەربىيەلەش»تىكى نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئاساس قىلىندى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى زىيارەت مىساللىرىغا ئاساسەن بىز «يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئون پىرسەنتى <قايتا تەربىيەلەش> لاگېرلىرىغا قامالغان، 20 پىرسەنتى بولسا يېزا ياكى ناھىيەلەردىكى كۈندۈزلۈك\كەچلىك <قايتا تەربىيەلەش> كۇرسلىرىدا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان. ھەر ئىككىسىنى قوشقاندا جەمئى 30 پىرسەنت ئاھالە مۇشۇ ئىككى تىپتىكى لاگېرلاردا» دەپ كەمتەرىن بىر مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

بايامقى سەككىز يېزىدىن «قايتا تەربىيەلەش»كە مەجبۇرلىنىۋاتقانلارنىڭ نىسبىتىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا ۋەكىل خاراكتېرلىك قىلىپ ئېلىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايونغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشىمايدۇ. تارىم ۋادىسى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېلىلا قويۇق ھەربىي تۈس ئالغان «ئۈچ خىل كۈچ» («تېرورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك») كە قارشى «خەلق ئۇرۇشى»دىكى «جەڭگاھ» بولۇپ قالغان. خىتاي ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلغان «تېرورلۇق ھۇجۇملىرى»نىڭ كۆپىنچىسى تارىم ۋادىسىدا يۈز بەرگەن. بۇ رايونلارنى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى تومۇز ۋەقەسىدىن باشلاپلا «<ئۈچ خىل كۈچ>لەرنىڭ زورىيىشىنى مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىن ئەتكەن جاي» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز پەقەت يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىلا زىيارەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، پۈتۈن زېھنىمىزنى پەقەت ئاشۇ مەلۇماتلارغىلا مەركەزلەشتۈردۇق. شۇڭا بىز دوكلاتىمىزغا شەھەر ۋە ناھىيەلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كۈندۈزلۈك\كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلارنى قوشمىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «ش ئۇ ئا ر تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىنىڭ 75 پىرسەنتى يېزا نوپۇسى ھېساپلىنىدۇ.

سەككىز يېزىدىكى نوپۇسنىڭ ئون پىرسەنتى «تەربىيەلەش مەركىزى»گە قامالغانلىقىنى ئاساس قىلغان يوسۇندا ھېساپلىساقمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىنلا تەخمىنەن 240 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدىن 660 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دە ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك يېزا نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بويىچە ھېساپلىغاندا 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىن تەخمىنەن 480 مىڭ يېزا نوپۇسى، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدىن بولسا 1.3 مىليون يېزا نوپۇسى مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ. بۇ مەلۇمات قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى شەھەر نوپۇسى ۋە باشقا مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولغاچقا ئەمىلىي سان بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ زور بولۇشى مۇمكىن.

2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى تۆت مىليونغا يېقىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ بۇ جايدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقۇرى ئىكەنلىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى چۆچۈتۈپ قويغان. چۈنكى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتكۈل قەشقەر نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئۈچ مىليون ئەتراپىدا.

تارىم ۋادىسىدا قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2010-يىلىدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا تارىم ۋادىسىنىڭ نوپۇسى 8.9 مىليون. 2016-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 11 مىليونغا يەتكەن. بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتى ياكى تەخمىنەن 8.8 مىليونى ئۇيغۇر.

ئىككىنچى جەدۋەل: 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى ئىككى تۈرلۈك «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامالغانلار ۋە مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ تەخمىنىي سانى

(Kurban Niyaz)

تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى يۇقۇرىراق بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان «زىيانلىق ئىدىئولوگىيەنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش» كۈرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇشۇ رايونغا مەركەزلەشكەن. «شىمالىي شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتى 24 پىرسەنت بولۇپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 48.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 23 مىليون نوپۇسنىڭ (2014-يىلىدىكى مەلۇمات) 48.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 11.3 مىليون. مۇشۇ بويىچە ھېساپلىغاندا 2018-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 30 پىرسەنتى ياكى 3.3 مىليونى «قايتا تەربىيەلەش»كە بەند قىلىنغان. يەنى ئۇلارنىڭ 10 پىرسەنتى ياكى 1.1 مىليونى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا قاماقتا، يەنە 20 پىرسەنت ئۇيغۇر ياكى 2.2 مىليون كىشى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ئۆگىنىشىگە قاتناشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلغان «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» كۈرىشى ئاساسەن تارىم ۋادىسىدا يولغا قويۇلغان بولغاچقا بىز يۇقۇرقى يەكۈننى چىقارغاندا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆردۇق. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، شەھەرلەر ۋە يېزىلاردا ھەمدە غەربىي جەنۇپ تەرەپلەردىكى باشقا رايونلاردا ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ئۆگىنىشىگە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولغاچقا بۇ ئومۇمىي ساننى رىياللىقتىن چەتنىگەن دېيىشنىڭمۇ ئاساسى يوق.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەلۇم بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 30 پىرسەنتى <قايتا تەربىيەلەش>كە بېرىشى لازىم» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى ئەدلىيە نازارىتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاڭ يۈن «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى <قايتا تەربىيەلەش>كە ئەۋەتىشنى توغرا دەيمىز؟» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان. ئۇ شۇ چاغدا مۇنداق دېگەن:

«(ئەسەبىيلىكنى) ئەسلى بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا دىني ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغان ئاشۇ 30 پىرسەنت كىشىلەرنى (قايتا تەربىيەلەشكە) ئەۋەتىش لازىم. ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر ياخشى ئۆزگەرتىلسە، قالغانلارنى ئۆزگەرتىشكە ئانچە جىق كۈچ كەتمەيدۇ.»

مەزكۇر ئەمەلدار بىر كەنتنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ قانچىلىكىنى «قايتا تەربىيەلەش»كە ئەۋەتىش ، يەنە قانچىلىكىگە «قاتتىق زەربە بېرىش» لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«مەسىلەن ئالساق، بىر كەنتتىكى ئاھالىدىن 70 پىرسەنت (ئۇيغۇر) دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 30 پىرسەنت كىشى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغان. يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر جىنايەتچىگە ئايلانغان. بۇ 70 پىرسەنت كىشى چوڭ مۇھىتقا بېقىپ ئىش كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ئۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما چوڭ مۇھىت ئۆزگەرسە ئۇلارمۇ تېزلا ئۆزگىرىدۇ. ئەمما قالغان 30 پىرسەنتىنى بولسا پۈتۈن كۈچىمىزنى توپلاپ تەربىيەلىشىمىز ۋە ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. ئەمما ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش لازىم. دېمەك، تەسىرگە ئۇچرىغان 70 پىرسەنت كىشىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، 30 پىرسەنتىنى ئۆزگەرتىش، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق بىر كەنتنىڭ مۇھىتىنى پاكلىغىلى بولىدۇ.»

2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى»دىكى نىشانلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئورۇندالغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ مەزمۇنلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت دوكلاتى»دىنمۇ يەر ئالغان.

(داۋامى بار)