قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى باش قوشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى، ئاقساقاللار كېڭىشى، ياشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا تاشتىقارا يېزىسىنىڭ «نۇرنىسا» رىستورانىدا ئۆتكەن يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ باش قوشۇشىدا تەشكىلىي ئىشلار، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر، مەدەنىي-مائارىپ، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە يېڭىدىن سايلانغان ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى ۋە باش يىگىت بېشى، يېزا ئاكتىپلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشنى ئاچقان ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى مىرزاخمەت جەمىيېف بۇ يىغىلىشنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مەركەز ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭغا قاتناشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف باشلىق ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق ۋە زاريا ۋوستوكا مەھەللىرىنىڭ چوڭ يىگىت باشلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ناھىيىلىك باش يىگىت بېشى ئابدۇكېرىم سەيدۇللايېف، ناھىيىلىك خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى شېرىنبۈۋى جەلىلوۋا ۋە باشقىلار مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە يىگىت باشلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى، ناھىيە مىقىياسىدا ھەل قىلىنمايۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئورۇن ئېلىۋاتقان كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشى قۇرۇلغاندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر،يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ بېشى قوشۇلۇپ، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا خەيرىخاھلىق پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى يىگىت باشلىرى بىلەن باش قوشۇپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق. بىرىنچىدىن ئۇلارنى كېلىۋاتقان يېڭى يىل، شۇنداقلا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى بىلەن تەبرىكلىدۇق. ئالدىمىزدا قىلىدىغان ئىشلار توغرىلىق سۆز بولدى. مەسىلەن، پۈتۈن قازاقىستان يىگىت باشلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇپ، بەگلەر مەشرىپىنى ئۇيۇشتۇرماقچىمىز. بۇ يەردە يۇرت-يۇرتلاردا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولىدۇ.»

ئا. مەخسۈتوف بۇ يىلى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكىنى، شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئاكادېمىيىلىك ئۇنىۋاننىڭ بېرىلگەنلىكىنى، يىگىت باشلىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىرىكسە، كېلەچەكتە يەنىمۇ كۆپ مۇۋاپپەقىيەتلەرگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بولۇپمۇ خانىم-قىزلار كېڭەشلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى. مىللىي مەكتەپلەرگە بالا توپلاش، ياشلارنى تەربىيىلەش، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراقلاردىكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاش ئوخشاش ئىشلاردا ئۇلارنىڭ رولى بارغانسېرى ئاشماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ناھىيىلىك خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى شېرىنبۈۋى جەلىلوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، دەسلەپ قېتىم ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 1986-يىلى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنى ھەر خىل كىشىلەر باشقۇرغان. كېيىنكى 21 يىل مابەينىدە ئۇنىڭغا زاكىر مەمىروف رەھبەرلىك قىلغان. بۇ جەرياندا ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، مائارىپنى ساقلاش، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشلىرىدە كۆپلىگەن ئىشلار ئېلىپ بېرىلغان. ش. جەلىلوۋا يەنە، ز. مەمىروف سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ئورنىدىن كېتىپ، بەش يىل ئۇنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان مىرزاخمەت جەمىيېفنىڭ بىر ئېغىزدىن مەركەز رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يېڭى رەئىسنىڭ يېزا-يېزىلارغا چىقىپ، ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاكتىپلارنى، شۇ جۈملىدىن ناھىيىلىك خانىم-قىزلار، ئانىلار كېڭەشلىرىنى، يېزا ئاياللار كېڭەشلىرىنى باشقىدىن تەشكىللىگەنلىكىنى، مۇنداق ئىشلارنىڭ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئاياللار كېڭىشى ئىشىنىڭ خېلىلا جانلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈن ئىشلىرىنى ئاياللار يېقىندىن بىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر يىگىت بېشىغا بىر خانىم-قىزنى سايلاش كېرەك ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئاياللار كېرەك ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار بولىدۇ. بىز ئەجدادلىرىمىزدىن كېلىۋاتقان ياخشى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك.»

ش. جەلىلوۋا خانىم-قىزلارنىڭ يىگىت باشلىرى بىلەن تەڭ دېگىدەك يۇرتنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ، كېيىنكى ئەۋلادلار پەخىرلەنگىدەك ياخشى ئەنئەنىلەرنى قالدۇرۇشتا، زامانغا لايىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزنى يوقاتماسلىق. پۈتۈن ئەنئەنىلىرىمىز، تارىخىمىز، سەنئىتىمىز، مائارىپىمىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ماڭسا، ئۇلار يوقىمايدۇ. مۇشۇ يېڭى يىلدىن تارتىپ يىگىت باشلىرىغا يېنىكچىلىك چۈشىدۇ دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى ئۆيدە يولدىشىغا ئايالى قانداق ياردەم قىلسا، سىرتتا مۇشۇ سايلانغان خانىم-قىزلار يىگىت باشلىرىغا شۇنداق ياردەم قىلىمىز.»

تاشتىقارىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىش داۋامىدا جەمىيەتلىك ئىشلاردا ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسەتكەنلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چونجا يېزىسى بازار ئۇچاستكىسىنىڭ يىگىت بېشى ھۈسەن جەلىلوف مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېڭى رەئىسى سايلىنىپ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ناھىيىلىك باش يىگىت باشلىقى بولۇپ ئابدۇكېرىم سەيدۇللايېفنىڭ سايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەسلەپكى كۈنلەردىن باشلاپلا پۈتكۈل ناھىيە، يېزىلىرىدىكى ئەھۋالنى ئۇقۇپ، يىگىت باشلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەركىزى، يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلارنىڭ باشلىرى قوشۇلدى. ئانىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۈلەيخا جەلىلوۋا ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ئون مەسىلىنى قويدى. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلىدۇق.»

ئۇ، يېڭى يىگىت بېشى سايلانغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ھازىر يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار ئىچىدە توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراقلاردا ئورۇن ئېلىۋاتقان كەمچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياخشى ئەنئەنىلەرنى ساقلاپ قېلىش بويىچە قارار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ قوشنا ئەمگەكچىقازاق، پانفىلوف ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەرنىڭ ئاكتىپلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە بىر پىكىرگە كېلىش مەسىلىلىرىنىڭ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھۈسەن جەلىلوف تاشتىقارىدا ئۆتكەن پائالىيەتتىن كۆپلىگەن يىگىت باشلىرىنىڭ قايتىدىن ئويغىنىپ، ئىشقا ئاكتىپ كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.