قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتۇ پاجىئەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 31-ماي، قازاقىستان.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتۇ پاجىئەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 31-ماي، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 1997-يىلى ئۆزىنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن 31-ماينى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى «سىياسىي تەقىب قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا شۇ كۈنى ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئومۇمىيخەلق ئەنئەنىسىگە ئايلاندى.

بۇ كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ سوۋېت دەۋرىدە قىرغىنچىلىققا ۋە سىياسىي تەقىپلەشلەرگە ئۇچرىغان ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ياركەنت (پانفىلوف)، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1918-يىلى يۈز بەرگەن «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى.

بىز بۇ كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق لاۋار ۋە قورام يېزىلىرىدا زىيارەتتە بولدۇق.

لاۋار يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قوشنا قاراتورۇق، دوستلۇق، چېلەك يېزىلىرىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى بىلەن بىر قاتاردا ئالمۇتا شەھىرىدىن ۋە باشقىمۇ ناھىيەلەردىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمغا قاراتورۇق يېزىسىنىڭ باشلىقى ئېرمېك سامسىبېكوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ «قازاقىستاندا يۈز بەرگەن سىياسىي تەقىپلەرنىڭ قۇربانلىرى» دېگەن تېمىدا قىلغان دوكلاتىدا قازاق خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، سوۋېت سىياسىتىنىڭ ئاقىۋېتىدىن مىليونلىغان قازاق خەلقىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان قازاق سەرخىللىرىنىڭ ستالىن تۈرمىلىرىدە قەتلى قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك «نۇر ئوتان» پارتىيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى قۇئات بايخوجايېف، لاۋاردىكى «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلانغان يادىكارلىقنى قايتا قۇرۇش لايىھەسىنىڭ تەشەببۇسكارى، «ئېھسان» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى ئاينىسەم ۋايدېنوۋا قاتارلىقلار قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن باشلانغان ئاممىۋى تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى، كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى، بۇ جەھەتتە قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەر بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر، قازاقىستان خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىرلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا سۆز ئالغان چېلەك يېزىسى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان ناسىروف «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ پۈتكۈل بىر خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە ئىكەنلىكىنى، بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ ھەممە ئۈچۈن ساۋاق بولۇپ قېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارارى چىققاندىن بۇيان بۇ مەسىلە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. 70 يىل بۇ يەردە ياتقان ئادەملەرنى ئەسلەشكە مۇمكىنچىلىكىمىز بولمىغان. قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن كېيىن بىز بارلىق قۇربانلارنى ئەسلەۋاتىمىز. بۇ يالغۇز سوۋېت رېجىمىنىڭ قۇربانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى يولدا كېتىۋېتىپ ئۆلگەنلەر، سۇدا چۆكۈپ ئۆلگەنلەر ۋە چۆلدە قالغانلارغىمۇ بېغىشلانغان بىر يىغىن.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز قاسىم ئىسمائىلوف ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكەن ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى ‏- «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان بۇ مۇراسىمنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى، ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىخىدىمۇ ئۆچمەس ئىزلارنىڭ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «1918-يىل قىزىل جاللاتلار خەلقنى ناھەق قىرغان يىل بولۇپ تارىختا قېلىۋاتىدۇ. لاۋاردا، يەنى قىرغىنچىلىق بولغان يەردە يادىكارلىق ئورنىتىلىۋاتىدۇ. مۇنداق قىرغىنچىلىق ئەينى ۋاقىتتا قاراتورۇقتىمۇ بولغان. ئۇ يەردە قىزىل ئەسكەرلەر 300 گە يېقىن گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆككەن. بىراق بۈگۈنكىچە ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتىمىز. بۈگۈنكى ئەۋلاد شۇ كۈنلەرنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئەستىن چىقارمىسىكەن، دەيمەن.»

قاسىم ئىسمائىلوف كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكەن ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۇنتۇماي، ئۆز تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام يېزىسىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك «نۇر ئوتان» پارتىيەسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى قۇئات بايخوجايېف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ھاكىم ئىدارىسى ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۆمىنجان ئىسلاموف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف ۋە باشقىلار سۆز قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم داۋامىدا قورام يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قورام يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئىنەمجان تالىپوف مەزكۇر پائالىيەتنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، ئۇنىڭغا ھەم چوڭلارنىڭ، ھەم ياشلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، مۇنداق چوڭ پائالىيەتنىڭ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1918-يىلى قىزىل ئەسكەرلەرئىككى بوۋامنى مۇشۇ يەردە ئاتقان. بىرى ئۆلۈپ كېتىپ، يەنە بىرى تىرىك قاپتىكەن. ئۇ غۇلجىغا قېچىپ كېتىپ كېيىن يەنە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ساۋۇت ئاخۇنۇم دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ كىشى قەشقەردىن كەلگەن ئاتاقلىق موللا ئىكەن. مېنىڭ ھەر ئىككىلا بوۋام قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە بىللە بىلىم ئالغان كىشىلەر ئىكەن. شۇ تالىپ خەلپەت دېگەن كىشى 850 تالىپقا دەرس بەرگەن ئىكەن. شۇ قېتىمقى قىرغىندا قىزىل ئەسكەرلەر شۇ بالىلارنىڭ بىرىنى قويماي لاۋاردا قىرىۋېتىپتۇ. ئۇلار 14-18 ياشتىكى بالىلار ئىكەن. بوۋام ماڭا ‹بالام، بىزنى قىرغان ئاقلار ئەمەس، قىزىللار، لېنىننىڭ ئادەملىرى› دېگەن ئىدى.»

ئىنەمجان تالىپوف سوۋېت دەۋرىدە كوممۇنىستلارنىڭ بۇ ھەقتە تەتۈر تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ، ئۆز گۇناھلىرىدىن قاچقانلىقىنى، بوۋىسىنىڭ دېيىشىچە، قورامدا 5000، لاۋاردا 2000 ئادەم ئېتىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قىزىل ئەسكەرلەر باشقىمۇ جايلاردا قاچقانلارنى، ئۆي ۋە ئورمانلاردا يوشۇرۇنغانلارنى ئايىماي قىرغان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، 1918-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېرنىي، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان كازاكلارنى قوللىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. بەزى بىرەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ئالغان بۇ قىرغىنچىلىقتا پەقەت ئەر كىشىلەر بولۇپ 7000 مىڭدىن 20000 مىڭغىچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى قوشنا ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوللىغان ئۇيغۇرلارمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف، مەخمۇد غوجامياروف، نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندەروف قاتارلىق دۆلەت، پارتىيە، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ھەمدە يازغۇچىلارمۇ بولغان. ئۇلار كېيىنچىرەك ستالىن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت