قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلار ھەر قانداق دىنىي بايرامنى خۇشاللىق ئىلىكىدە قارشى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرى ئۇنداق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم بولماقتىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئازاب چېكىۋاتقاچقا، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى مەزكۇر ھېيت بايرىمىنى كۆڭلى يېرىم ھالدا قارشى ئالغان. ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنىي زات مۇھەممەد ھاجىم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت نامىزىنى خاتىرجەملىكتە ئوقۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز ناھايىتى خۇشاللىق كەيپىياتىدا دېسەكمۇ، بىراق يۈرىكىمىزنىڭ بىر قىسمىدا ئانا ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ئېغىر ھالەت. قىزىل كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ خەلقىمىزگە، مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىزنىڭ بىر چېتىدە ئېچىنىش، شۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈش ئالامىتى بىلەن بىر تەرەپتىن خۇشال بولساقمۇ، بىر تەرەپتىن مەيۈسلىنىپ، مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز. چۈنكى، ھەر نەرسىنىڭ ئانىسى بار. بىزنىڭمۇ شۇ ئانىمىز - ئانا يۇرتىمىز، ئۇيغۇرىستان. ھازىر ئۇ ناھايىتى قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا. بۇنى بىز ھەر تەرەپتىن ئاڭلاۋاتىمىز، لېكىن قارشىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇۋاتىدۇ».
مۇھەممەد ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەر ئوخشاش مۇستەقىل ۋە ئەركىن ئۆمۈر سۈرۈشكە، دىنىي ئېتىقادلىرىنى ساقلاشقا، مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ناھايىتى پاجىئەلىك ئەھۋالدا قالماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر نەچچە سىياسىي تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدۇر. ئۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان مەملىكەتلىرىنىڭ رايونلۇق ئىسلام تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىسلام كېڭىشى، ئىسلام چاقىرىقى تەشكىلاتى ئوخشاش تەشكىلاتلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىسلامنى تارقىتىشتىن، مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. لېكىن، ھازىرغىچە بۇ خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسەتلىرى، مەسىلەن رامزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىشى، مەسچىتلەرنى چېقىشى، دىنىي كىتابلارنى ساقلاشقا يول قويماسلىق، يۇز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ، مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى ۋە باشقا بىر قاتار قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان ھېچقانداق بىرەر ئىنكاس چىقمىدى.
قازاقىستاندا ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە 260 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىچە 500 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىقىپ ماكانلاشقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخى ئانا ۋەتىنى - ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مەنىۋى باغلىنىش تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك ھېسابلىنىدىكەن.