قەيسەرى ۋالىسى : «شەرقىي تۈركىستان مەھەللىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدايمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.09
qeyseri-walisi-uyghur-bilen-2.jpg قەيسەرى ۋالىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە
RFA/Erkin Tarim


قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللىگە كېلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى ۋە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر مەھەللە قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ۋە ئادىتى، مەدەنىيەتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان شەھەرلەردىن بىرى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى. بۇندىن 50 يىل بۇرۇن 200 ئائىلە ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان قەيسەرىدە ئەھمەت يەسەۋى مەھەللىسى نامىدا بىر مەھەللە بار ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن 100 ئائىلە ئۇيغۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈن يەنى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان بىناغا كېلىپ، ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سورىدى. شۇنداقلا مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا خوشخەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا دېگەن سۆزىدە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- ھۆرمەتلىك ۋالى، سىز ھازىر ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراۋېتىپسىز، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ قورو - جايلىرىغا سىز ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، بۇ ھەقتە بىرئاز تەپسىلىي مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟ - دېگەن سوئالىمىزغا قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

- ئۆتكەن ھەپتە قەيسەرىگە شەرقىي تۈركىستاندىن 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز كەلدى. بىز ئۇلارنى دۆلەتنىڭ بوش تۇرغان ئائىلە قوروسىغا جايلاشتۇردۇق. بۇلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىنى دۆلەتنىڭ پۇلى ۋە ساخاۋەتچى بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن قامداۋاتىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرى بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

- ھۆرمەتلىك قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى، مەن تۈنۈگۈن بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدىم، ئۇلار ئۆز يۇرتىدا ئەقەللى ياشاش ھەق - ھوقۇلىرىغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى، قەيسەرىگە كەلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ مۇساپىرپەرۋەرلىكىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ ئۇيغۇرلارغا 100 يۈرۈش ئۆي تەسىس قىلىپسىز، ئۇلار كېلەچەكتە بۇ يەردە تۇرىۋېرەمدۇ ياكى باشقا پىلانىڭلار بارمۇ؟ - دېگەن سوئالىمغا ۋالى مۇنداق جاۋاب بەردى:

- قەيسەرىنىڭ ئىنجەسى مەھەللىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەھەللىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. يېقىندا مەن بىزنىڭ دۆلەت رەئىسىمىز ۋە باش مىنىستىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەيسەرىدە يەنە بىر شەرقىي تۈركىستان مەھەللىسى قۇرىمەن. قەيسەرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياشنىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە ئادەتلىرىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئادەتلىرىمىز يادىمغا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېسىل ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرىمىز. قەيسەرىدە بۇندىن 50 يىل بۇرۇن كەلگەن 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى مەۋجۇت. مەن بۇرۇن ھېيت بايراملاردا بۇ مەھەللىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن ھېيتلىشاتتىم، ئۇلارنىڭ مېھمان دوستلۇقىنى، سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىناتتىم. يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىر مەھەللە قۇرساق قەيسەرىدە ئىككىنچى ئۇيغۇر مەھەللىسى بولىدۇ.

- ھۆرمەتلىك ئورخان دۈزگۈن ۋالى، بۇ ئۇيغۇرلار 4 - 5 كىلومېتىر ئۇزاقتىن، كۆپ قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قەيسەرىگە كەلدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمىغا چىدىيالماي، ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغاچقا بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن. سىز دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بۇ ھەقتە نېمە دېمەكچىسىز ؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

- ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زېمىندە دەپن قىلىنىش. چۈنكى بالىلىق، ياشلىق چاغلىرى ئۆتكەن، ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان زېمىنلىرى بار جايلار مۇقەددەس جايدۇر. ئەپسۇسكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېسىم، زۇلۇم تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇساپىرلارنى ئۇچرىتالايمىز. بىز دۇنيادا بېسىمنىڭ تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ھەممىمىزنىڭ مىللىي بۇرچى ھېسابلىنىدۇ.

- ھۆرمەتلىك ۋالى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى، ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدايمىز دېدىڭىز، بۇنداق بىر مەھەللە قۇرۇشنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار سىزچە؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

- قەيسەرىدە ئۇيغۇر ئاقساقالىرىمىز بار، چوڭلىرىمىز بار. ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىمدا، بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئۆز چوڭ دادام يادىمغا كېلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە. تىلىمىزنىڭ يىلتىزى ئوخشاش بولغاچقا تىلىمىزمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شۇڭا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش دېگەنلىك تۈرك مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش دېگەنلىك، مەنچە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

- ئەڭ ئاخىرىدا، دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچىسىز؟ - دېگەن سوئالىمىزغا قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

- ئۇلارغا قەيسەرىدىن سالام يوللايمەن. ئىنشائاللاھ ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز مەدەنيىتىنى، ئۆز ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، دىنىي ئېتىقادلىرىنى قوغداپ ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. 2015 - يىلىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان بىر يىل بولۇشىنى تىلەيمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.