قىرغىزىستان بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
AFP

قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرى 30‏-ئاۋغۇست بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان ئاپتوموبىللىق بومبا ھۇجۇمى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇھلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنىڭ تاجىكىستان پاسپورتلۇق بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىنىڭ پاسپورتتىكى ئىسمى زاھىر خەلىلوف بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كنب بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ سۈرىيەدىكى غازاتچى تەشكىلات‏-ئەل -نۇسرا فرونتىغا باغلىق ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ بۇيرۇقى، ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى ھەم ئىقتىسادى ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەل-نۇسرا سۈرىيەدىكى غوللۇق غازاتچى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا بۇ گۇرۇھنى ئەل-قائىدىگە باغلىق تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلغان. ئەل-نۇسرا بۇ يىل 7‏-ئايدا ئەل-قائىدىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ۋە ئىسمىنى فاتىھ ئەل شام دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ھۇجۇمنى مەلۇم بىر ئېتنىك قوراللىق گۇرۇھلارغا باغلاش يەڭگىللىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ مىللەتچىلىككە ئەمەس، ئۈممەتچىلىككە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۆلەتلەر شۇنداق ئويلايدۇ بەلكى. چۈنكى، خىتاينىڭ كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەمدى بۇ يالغۇزلا ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەنتىقىنى ئىشقىلىپ بۇ ئىشنى ئۇيغۇرلار قىلدى، دېيەلەيدۇ. ئەمدى ئۇيغۇرلار قىلدى، دېسە جىق ئادەم ئىشىنىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقى ئىسپاتلانغىنى يوق. يالغۇز قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دېگەن گەپلەر بۇ. راست ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىمۇ ياخشى بىلمەيمىز.
ئەمما، بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بارغانلار ئېتنىك جەھەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۈممەتچىلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا، ئېتنىك دەپ قارىغان بىلەن ئۇلار بەلكى بۇنداق قارىمايدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئۈممەتچىلىك ئىشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەيدىغان بىر مەسىلە، دەپ ئويلايمەن.»

قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر 5 قىرغىز پۇقراسى قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 3 كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى، جەنۇبىي قىرغىزىستانلىق بىرى بولۇپ، ئۇ ئەلچىخانا ھۇجۇمىغا ياردەم قىلغان ئىكەن.

قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرى بۇ كىشىنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ بومبا ياساشنى ئۆگىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەلچىخانا ھۇجۇمىدىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قالغان 2 كىشى تۈركىيەدە ياشايدىكەن.

ئەمما، قىرغىزىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋەقەنى تولۇق تەكشۈرۈشىنى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈلۈپ چىقىشىنى «شەخسەن كۈتۈۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.

روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف مۇنداق دەيدۇ: «شەخسى مەن كۈتۈۋاتىمەن، ئاندىن ئۇيغۇرلارمۇ كۈتۈۋاتىدۇ ئەلۋەتتە. ئەلۋەتتە بىز كۈتۈۋاتىمىز، چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىڭىز چۈشىنىسىز، ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىش بۇ. مەن ماۋۇ ئىسسىقكۆلدە دۇنيا كۆچمەن خەلقلەرنىڭ بايرىمى دەپ 3-سېنتەبىردىن باشلاپ، شۇنىڭغا قاتنىشىۋاتقان. ئەتە يېپىلىدۇ بۇ. ناھايىتى چوڭ داغدۇغىلار بىلەن ئېچىلدى. 60 نەچچە دۆلەتتىن ۋەكىللەر كەلگەن، ئۇلار قاتنىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلار بولدى.»

روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف يەنە، بۇ ۋەقە دەل خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر نازۇك مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئۆزىڭىز بىلىسىز، بۇ كىمگە بولىدۇ دېسىڭىز، بۇ خىتايدا ھېلىقى 20 چوڭ مەملىكەتنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭغا بۇ چوڭ مەسىلە. ھازىر مەسىلەن، بۇ يەردە گايىبىر قىرغىزىستاننىڭ ئادەملىرى بىلەن سۆزلەشسەم، تونۇش-بىلىشلەر بىلەن، ئۇلار ھازىر ئەمدى چوڭ بىر نېمە بار بۇنىڭ ئاستىدا، بۇنى ھازىر 3-4 كۈن ئىچىدىلا يېشىش مۇمكىن ئەمەس دەۋاتىدۇ.»

بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى خەلقئارادا ئىسلام دۆلىتى-دائېش ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا بۇراپ، سۈرىيەدىكى غازاتچى تۈركىستانلىقلارنى بۇ رايونغا يوللاۋاتامدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغان. ئەمما تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر مەركىزىدىكى ئەركىن ئەكرەم، بىر ۋەقە بىلەن بۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يالغۇزلا بىر مىسال بولغاچقا بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش بىر ئاز تەس. ئەگەر ئەتە-ئۆگۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدا مەسىلەن، تاجىكىستاندا، ئۆزبېكىستاندا ياكى قىرغىزىستاندا بۇنداق ۋەقەلەر كۆپەيسە، بۇنداق ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق بىر مىسال بىلەن بۇنى بۇنداق دېيىش بىر ئاز تەس. ئەمما مۇنداق بىر پوتېنسىئال بار، مۇشۇ سۈرىيەگە ياكى ئىراققا كەتكەن نۇرغۇن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بار. يەنى قازاقلار، قىرغىزلار، ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر. ئەتە-ئۆگۈن دائىشنىڭ ئىشى تۈگىسە، ئۇلار نەگە بېرىشى كېرەك. دېمەك، مۇشۇنداق بىر پوتېنسىئال بار بۇ يەردە. ئەمما ھازىر ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ماڭدى، دېيىشكە بىر ئاز بالدۇر.»

ئەركىن ئەكرەم يەنە، خىتاينىڭ ئەلچىخانا ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىققا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم، «بۇ ۋەقە ئۇلار ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغان بىر سەھنە ياكى مۇنبەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مەيلى چىقسۇن -چىقمىسۇن، بۇنىڭغا ئارىلاشقانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ ئىسمى چىقاۋاتىدۇ بۇ يەردە. يەنى بۇ يەردە يالغۇزلا ئۇيغۇر خىتايغا قارشى كۈرەش قىلمايۋاتىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئېتنىك مىللەتلەرمۇ خىتايغا قارشى چىقىۋاتىدۇ، دېگەن بىر خۇلاسىمۇ چىقىدۇ بۇ يەردە. مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى بولمىسۇن.
شۇڭا، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ جىددىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ، خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ھەمكارلىققا مەجبۇرلايدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر «تېررورلۇق» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا، سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە جىددىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «ش ت ئى ھ ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلەر خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغان ھەم قانلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ش ت ئى ھ نىڭ پىلانلىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىكرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ش ت ئى ھ نىڭ مەۋجۇت تەشكىلات ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت