قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.29
Xitay-Pasport-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىن قىرغىزىستانغا چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاش قاتارلىق ئىشلاردا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇلتۇر سېنتەبىردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن تىجارەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يۇرتىدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتى ۋە ئاۋارىچىلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.

ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش نەتىجىسىدە، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق يۇرتلاردىن قىرغىزىستانغا كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاش، قايتىدىن ۋىزا ئېلىش، ياكى قۇربان ھېيتتا يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، قىرغىزىستانغا قايتىپ تىجارەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قىرغىزىستاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قەشقەر، ئاتۇشتىن كېلىپ قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تۈركىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا غەيرىي يوللار ئارقىلىق قىرغىزىستاندىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى قىرغىزىستاندىكى دۇكىنىنى ساقچىلارنىڭ مەجبۇرى تاقىۋەتكەنلىكىنى، ئىسكىلاتتىكى ماللىرىنى سېتىشى چەكلەنگەندىن كېيىن تۈركىيەگە قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىزغا كەلگەن يەنە باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئالغان بىر يىللىق ۋىزا ۋاقتى تولۇشقا ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە چىڭىۋاتقان ۋەزىيەت سەۋەبىدىن يۇرتلىرىغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقان.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن قىرغىزىستان ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى روزى مەمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەنمۇ قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبىدىن قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

رادىئومىز قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن، خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىن مەجبۇرى قايتۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.