قىرىم جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرىداش رايونلاردىكى رۇس تىللىق ئاھالىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خاركوۋ، دونېتسكىي قاتارلىق جايلاردىكى رۇس ئاھالىلىرىنىڭمۇ قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللاپ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملانغانلىقى مەلۇم. ھەتتا، ئانالىزچىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ يېڭى ئەندىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
20-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو قارارىنى تەستىقلىدى.
پۇتىن قىرىم بىلەنلا توختاپ قالارمۇ؟
رۇسىيە ھۆكۈمىتى قىرىمنى قوشۇۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىنمۇ؟ پۇتىن قىرىم بىلەنلا توختاپ قالارمۇ؟ بۇ سوئال ئانالىزچىلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئاندرېس فوگ راسمۇسسېننىڭ قارىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەقەت قىرىمنى قوشۇۋېلىش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئاندرېس فوگ ئەپەندى 19-مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان برۇكىڭس ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا يۇقىرىقى سۆزىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ «مەۋجۇت كرىزىسنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئۈچۈن سىگنال ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنى كۆپەيتىشىگە ئۈندەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
ئاندرېس فوگ راسمۇسسېن ئەپەندى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمما، ئۇ سۆزىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى سۈپىتىدە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىگىلىشى بىلەنلا ئىشنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ «قىرىم بۇ پەقەت بىرلا مىسال، بىراق، مەن قىرىمنى رۇسىيە ۋە ياكى پۇتىننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىسىنىڭ رامكىسىدىكى تېخىمۇ زور كۆرۈنۈش ئېلېمېنتى دەپ ھېسابلايمەن. شۇڭا، روشەنكى، قىرىمدىن كېيىن باشقا قەدەملەرنىڭ بېسىلىش-بېسىلماسلىقى بەكرەك ئەندىشىلەندۈرىدۇ» دېدى.
پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قىرىمدىن كېيىن ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ئومۇمەن ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كارتېرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى،«چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى زبىگنېۋ برزىزېنسكىيمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مەسىلىسىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان برزىزېنسكىي ئەپەندى پۇتىننىڭ 18-مارت كۈنى رۇسىيە دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن سۆزىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز زېمىنى ۋە تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش خاھىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،«رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ موسكۋانى پايتەخت قىلغان يېڭى ئىمپېرىيە قۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇ؛ «بۇ ئۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ، ئەگەر ۋەزىيەت كونترول قىلىنمىسا، پات ئارىدا بىز كېلەر قەدەمنى كۆرەلەيمىز، بۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئوخشاش بىر دۆلىتىنى قۇرۇشىدىن ئىبارەت» دەيدۇ.
بىراق، برزىزېنسكىي ئەپەندى يەنە تەكىتلەپ، «پۇتىن يەنىلا ياۋروپانىڭ مەركىزىدە ھەربىي توقۇنۇش قىلمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇكرائىن-رۇس بىر خەلق ئىدىيىسى
ھەقىقەتەن، پرېزىدېنت پۇتىن ئۆز نۇقتىدا قىرىمنىڭ ئەزەلدىن رۇسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەم ئەبەدىي شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «رۇسلار ئۇكرائىنالار بىر خەلق» دېگەن سۆزنى تەكىتلىگەن.
«ئۇكرائىن ھەقىقىتى» گېزىتىدە يېزىلىشىچە، پۇتىن نۇقتىدا «رۇس دۇنياسى»، «تارىخىي رۇسىيە»، «رۇسلار پارچىلانغان مىللەت» ۋە «بىز ئۇكرائىنالار بىلەن بىر خەلق» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.
ھەقىقەتەن، تارىخى ۋە مىللەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان رۇس، بېلارۇس ۋە ئۇكرائىنالار ئومۇمىي شەرقىي سلاۋىيانلار گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئورتاق سىلاۋىيان ئىدىيىسى چار رۇسىيە دەۋرلىرىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغان. سوۋېت رۇسىيەسىمۇ سلاۋىيانىزم ئىدىيىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رامكىسى ئاستىغا كىرگۈزگەن ھەمدە ئايرىم ئۇكرائىن مىللەتچىلىكىگە قارىتا باشتىن ئاخىرى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللانغان ئىدى. مەسىلەن 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى باندېرلار ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان ئۇكرائىن مىللەتچىلىك ھەرىكىتى موسكۋانىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ۋلادىمىر پۇتىن ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بوشلۇقىدا ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى شەكلىدىكى ئورتاق پۇل، ئورتاق تاموژنا ھەتتا ئورتاق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىگە سىياسىي بىرلىك قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئانالىزچىلار رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن تەركىب تاپقان تاموژنا ئىتتىپاقى دەل ئەنە شۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاساسى دەپ قارىماقتا. بۇ قېتىم ئۇكرائىنادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرمۇ دەل ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىنى مەركەز قىلغان ئىدى.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كارتېرنىڭ مەسلىھەتچىسى بىرزېزېنسكىي سۆزىدە يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەربنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە رۇسىيە بىلەن يارىشىش يولىنى تۇتۇش ئۈچۈن قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان.
رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو
قىرىمدىكى ئۆزىنى قوغداش ئەترەتلىرى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقاندا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قىرىمدىكى قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 20-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيەگە قارشى ئىمبارگونى تېخىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدىكى قارارنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كېڭەيتىلگەن ئىمبارگوغا ئۇچرىغۇچى شەخسلەر تىزىملىكى كۆپەيتىلىپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى سېرگېي نارىشكىن، ھەمدە بىر قانچە چوڭ تىجارەتچى ۋە پارلامېنت ئەزاسى كىرگۈزۈلگەن. ئوباما بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىمبارگونىڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، بانكا ساھەسىگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىراق، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېڭى ئېمبارگو پىلانىغا قارشى ھالدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 20-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن 9 كىشىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بەرمەسلىكنى جاكارلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جون ماككېيىنمۇ تىزىملىككە كىرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولۇپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يىغىنىنى بىكار قىلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ، رۇسىيەنىڭ سانائەتلەشكەن 6 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىنماقتا.