د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە دوكلات بەردى
2016.04.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رابىيە قادىر خانىم 25 - ئاپرېل كۈنى تۈركلەرنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى شېھىتلەر جامىسىنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە دوكلات بەردى. دوكلات بېرش يىغىنىغا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە دۆلىتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە باشقا ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ يەردە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن ۋە ياۋرۇپادىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى، 7 - ئايدا فرانسىيەدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى توغرىسىدا توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بېرلىندىكى شېھىتلەر جامىسى كۈلتۈر مەركىزىدە بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭمۇ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ دەۋاغا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگە چىقىشى، ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سوئال سورىدى. ئۇلار، رابىيە خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە نېمە ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، تۈركىيەدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى سورىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزدە، 26 - ئاپرىلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش بىلەن بىرلىكتە 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاپ - قۇۋەتلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ئادام قاراجا ئەپەندى سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ھەمدە تۈركلەرنى ئاتا يۇرتى بولغان بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرگە ياردەم قىلىش پۈتۈن تۈركلەرنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بېرلىندا 300 مىڭ ئەتراپىدا تۈرك بارلىقىنى، بۇلارنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشىنى قولغان كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
1866 يىلىدا پادىشاھ 3. فرەدەرىك تەرىپىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز خانغا سوغات قىلىپ بېرىلگەن شېھىتلەر جامىسى كۈلتۈر مەركىزى سېلىنغان يەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى ھېسابلىنىدىكەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۈمىد ئاگاھى، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى، ئۇلارنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىدا نېمىلەرنى ئاڭلاتقانلىقىنى، يىغىن ئەھلىنىڭ نېمىلەرنى سورىغانلىقىنى، دوكلات بېرىش يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.