رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارغا قۇربان ھېيتلىق يالقۇنلۇق سالام يوللىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.09.12
Rabiye-norwegiye-qurban-heyt-305.jpg رابىيە قادىر خانىم بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلماقتا. 2011-يىلى 6-نويابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

د ئۇ ق ۋە خەلقارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىر قانچە مىڭ كىشىلىك خەلقئارالىق بىرلەشمە زور نامايىش تەشكىللىمەكچى.نامايىشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، تۈرك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن.

ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان دەل شۇ دەقىقىلەرگە توغرىلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلماقچى بولۇپ، قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە جەنۋەگە قاراپ سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان رابىيە قادىر خانىم ئىشخانىسىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق ئالاھىدە سالام يوللىدى بولۇپمۇ ھەج ئۈچۈن يولغا چىقىپ تۈرلۈك توسقۇنلار سەۋەبىدىن يوللاردا قالغان مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىنى يەتكۈزىشىمىزنى ھاۋالە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.