9-ماي كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، يەنى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق ھالدا خاتىرىلەپ، قىزىل مەيداندا 15 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇن، 143 ئايروپىلان، 194 تانك-برونېۋىك ۋە ھەربىي تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتناشتۇرۇلغان 70 يىل ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاتامبايېف قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت رەھبىرى قاتناشتى. ئەمما، غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلمىدى.
9-ماي غالىبىيەت بايرىمى خاتىرىلەش سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1945-يىلىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىنگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ رۇسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەر 9-ماي غالىبىيەت كۈنىنى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستان خەلقى قاتارىدا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى غەلىبىسىنى داۋاملىق تۈردە ھەر خىل شەكىلدە داغدۇغىلىق خاتىرىلىمەكتە. بۇ يىلمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئالمۇتا ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ھەر قايسى يېزا -قىشلاقلاردا « ۋەتەن ئۇرۇشى»غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلاپ، سەنئەت پائالىيەتلىرى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز قالغان ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مەزمۇندا پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
7-ماي كۈنى قازاقىستان ئاستانادا غالىبىيەت ھەربىي پارانت ئۆتكۈزدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىل قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى بۈگۈنكى كۈنلەردە يەنىلا «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى»نىڭ غەلىبىسى دېگەن نامدا ئاستىدا خاتىرىلىشىنىڭ تىپىك ئىدىيىۋى ئاساسى بار بولۇپ، بۇ يەنىلا ياش-ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر.
قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك « ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى» ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىسىگە بېغىشلاپ، مەخسۇس باش سەھىپە ئاچتى ھەمدە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇش سەپىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر قەھرىماننىڭ سۈرىتى ۋە ئىش پائالىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى. بۇلار، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى» نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمانلار مەسۇم ياقۇپوف، سۈلھى لۇتفۇللىن، داداش باباجان ۋە قازاقىستان خەلق قەھرىمانى مۆردىن تېيىپوفتۇر.
كېيىنكى يىللاردا 1941-1945-يىللىرىدىكى ئۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 27 مىليون ئادىمى چىقىم بولغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلدى. بۇ سان ئەلۋەتتە رۇسلاردىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش سېپىدىن يىراقتا قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئېغىر تالاپىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارقا سېپىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئاز نوپۇسلۇق خەلق بولۇشىغا قارىماي زور بەدەل تۆلىگەن ئىدى.
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەلۇمكى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى 1939-يىلى گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلاندى. 1941-يىلى 6-ئايدا فاشىستلار قوشۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى باشلاندى، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئۇرۇشنى « ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇرۇش تۆت يىل داۋاملىشىپ، 1945-يىلى، 5-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۇچ ئىتتىپاقداش دۆلەت قوشۇنلىرى گىتلېر قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، بېرلىننى ئىشغال قىلدى. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى فاشىستلار گېرمانىيەسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىتتىپاقداش دۆلەتكە رەسمىي تەسلىم بولدى. 8-ماي رەسمىي غالىبىيەت كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ستالىن 9-ماي كۈنىنى غەلىبە كۈنى قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدا خاتىرىلەشنى بېكىتكەن ئىدى. 8-ماي كۈنى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.