رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ سايلىمى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى

0:00 / 0:00

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۆزلىرىنى ئايرىم ھۆكۈمەت دەپ ئاتاپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىۋاتقان رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئۆز ئالدىغا سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىققان ئىدى. بۇ ۋەقە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى شۇنىڭدەك رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ تەنقىد قىلىندى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان دونېستك ۋە لۇگانسك رايونلىرىدا يەكشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت رەئىسىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ۋە ئېتىراپ قىلماسلىقىغا قارىماي، بۇ ئىككى ئوبلاستتا سايلام ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىرىنى سايلاپ چىققانلىقى ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا سەيشەنبە كۈنى دونېتسك شەھىرىدە ئۆزىنى دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئالېكساندىر زاخارچېنكو قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا مۇراسىم دونېستك شەھىرىدىكى دراما تىياتىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ مۇراسىمغا رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. مۇراسىم ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەسى «رۇسىيە بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ رۇسىيە دۇماسىدىكى ۋەكىلى ۋە پەقەت رۇسىيە، نىكاراگۇئا، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئېتىراپ قىلغان جەنۇبىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر بىبىلوۋ مەخسۇس تەبرىكلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەپەرەس دونېسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ژۇرنالىستلارغا قىلغان سۆزىدە «ئۇكرائىنا باشقا، دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقا» دەپ ئۆزلىرىنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىدىن ئايرىم ھۆكۈمەت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن.

ئۇ، يەنە «مەن كىيېۋ بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمەن، بىراق بۇ ئىككى تەڭ باراۋەر شېرىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنانىڭ ئىنكاسى

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مەزكۇر سايلام كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنى بۇ قەدەمنى باسماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى پېتر پوروشېنكو مىللىي بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، دومباس رايونىغا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىش قانۇنىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلىدە 5-سېنتەبىردە تۈزۈلگەن مىنسك كېلىشىمىدىن كېيىن، 16-ئۆكتەبىر كۈنى پېتر پوروشېنكو دونېتسك ۋە لۇگانسك ئوبلاستلىرىغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ئالاھىدە ھوقۇقى بېرىش قانۇنى ئىمزالىغان. ئەسلى كېلىشىم بويىچە 12-ئايدا، مەزكۇر ئىككى ئوبلاستتا ئۇكرائىنا قانۇنىغا ئۇيغۇن سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. ئەمما، رۇسىيە پەرەس كۈچلەر ئۇنداق قىلمىدى.

كىيېۋ ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنى مەزكۇر سايلامنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

خەلقئارا ئىنكاسلار

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مەزكۇر سايلامنى ۋە ئۆزلىرىنى دونېستك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانكس خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشچىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى باياناتچىسى جىن پساكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەزكۇر سايلامغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز بۇ لىدېرلار بىلەن ئەمەس، ئىلگىرىكىدەكلا ئۇكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلە ھەمكارلىشىمىز،» دېگەن.

3-نويابىر كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى پساكى يەنە «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەر ئېلىپ بارغان ئاتالمىش سايلامنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئېتىراپ قىلمايدۇ.» دېگەن شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەپەرەس ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا«مەزكۇر قانۇنسىز سايلام نەتىجىسىدە سايلانغان لىدېرلارىڭ ھېچقايسىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

موسكۋا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۇ سايلامغا قارىتا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبى ئۇكرائىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاق ساراي رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتكە قارىتا تۇتۇۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى بېرنادېت مىخەيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە رۇسىيەگە قاراتقان مەيدانىنى تەكىتلەپ،«ئەگەر موسكۋا داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ مىنسكىدا زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئېتىبارسىز قالدۇرسا ۋە ئۆزىنىڭ تۇراقسىزلاشتۇرۇش ۋە خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېگەن.

3-نويابىر كۈنى يەنە ئاق ساراي مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋەكىلى مارك ستروخ رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى سايلامدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا قوشۇن يۆتكىمەسلىكىنى چاقىردى.

كىيېۋ ۋە غەربنىڭ ئەندىشىسى

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئەگەر رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر ھۇجۇم قىلىپ قالسا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا يەنە تولۇقلىما قوشۇن ئەۋەتىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ سايلىمىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرى بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا يېڭىدىن قوشۇن ئەۋەتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىن بىريۇسېلدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن جىددىي خەتەر پەيدا قىلدى، دەپ كۆرسەتكەن. ناتو باشلىقى يەنس ستۇلبېرگ مەزكۇر يىغىندا پىكىر بايان قىلىپ، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قايتىدىن ئۇكرائىنا چېگراسى تەرەپكە يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە «رۇسىيە بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەمدە شەرقىي ئۇكرائىنا زېمىنىغا جايلاشقان رۇسىيە ئالاھىدە ئەترەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيىلىمەكتە، قوراللار بىلەن تەمىنلىمەكتە»دەپ تەكىتلىگەن.

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ «مىنسك كېلىشىمى»نى بۇزۇپ، ئۇكرائىنا قانۇنلىرىغا قارشى ھالدا ئۆز ئالدىغا سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىقىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەندىشە، رۇسىيەنىڭ مەزكۇر سايلامنى ۋە ئاتالمىش ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككىنچى قەدەمدە خۇددى قىرىمنى قوشۇۋالغاندەك ئۇلارنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى، ئۇكرائىنا، غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ناتو رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنى ئاستىرتىن قوللاۋاتقانلىقى، رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرىم رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مەزكۇر رۇس تىللىق ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش شوئارلىرى ئىزچىل توۋلىنىپ كېلىندى. بۇ رايوندىكى ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى ۋە خانىۋەيران بولدى. غەرب دۆلەتلىرى بۇ رايوندا تېخىمۇ زور ئۇرۇش ئاقىۋەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.