خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى داۋاملىق رۇسىيەدىن ئۆگەنمەكتە
2013.06.25
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا. ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا يەنە بىر-بىرىنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى داۋاملىق ئالماشتۇرماقتا.
خىتاي پاراشۇتچىلىرى رىزان شەھىرىدە
نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا كۈچلىرىنىڭ، بولۇپمۇ پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي-تېخنىكا، جەڭگىۋارلىق، قورال-ياراق ۋە تاكتىكا قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن يېتەرسىزلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ھەمدە داۋاملىق ئىلغار كۈرەشچى ۋە توشۇغۇچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
موسكۋادىن تارقىتىلىدىغان «رۇسىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخسۇس تۆت كۈن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەككە خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى 15-كورپۇسىنىڭ قوماندانى، گېنېرال مايور لى فېڭباۋ يېتەكچىلىك قىلغان.
رۇسىيەنىڭ «ھەربىي سانائەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك رۇسىيەنىڭ رىزان شەھىرىدە بولغان. ئۇلار، رۇسىيە پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ پاراشۇتچى ئەترەتلەر ۋە برونېۋىك-تانكىلارنى ھاۋادىن تاشلىشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى، پاراشۇتچى قىسىملارنىڭ ئاتقۇچى قوراللىرىنىڭ تاكتىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشنى مەقسەت قىلغان.
«رۇسىيە ئاۋازى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو پاراشۇتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى رىزان شەھىرىدىكى رۇسىيە پاراشۇتچى قوشۇنلىرىنىڭ ئوفىتسېرلار مەكتىپى، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مەشىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرى ۋە تېخنىكا ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسەتكەن.
ئانالىزدا بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكا ئانالىز مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاسىلىي كاشىن «خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى ۋە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، چەتئەلنىڭ تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر»، دەپ كۆرسەتكەن.
رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى خىتاي پاراشۇتچىلار قوشۇنى
مەلۇمكى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى 1949-يىلىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنياغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا يېڭى جۇڭگونىڭ ھاۋا كۈچلىرى ۋە يېتەرلىك ئايروپىلانلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسى شۈجوۋ قاتارلىق جايلاردا بازا قۇرۇپ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى زىممىسىگە ئالغان ھەمدە زور ساندىكى ھەربىي ئايروپىلانلارنى بېرىش ۋە ئۇچقۇچىلارنى تەييارلاش ئارقىلىق جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا قوشۇنىنى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ 1950-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا بىر پاراشۇتچىلار برىگادىسى قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو پاراشۇتچى قىسىملىرى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭدىن تارتىپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى رۇسىيەدىن ئۆگىنىش ۋە رۇسىيە قوراللىرى بىلەن قوراللىنىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
«رۇسىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى پۈتۈنلەي يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، خىتاي پاراشۇتچى قىسىملارنىڭ ھاۋادىن تاشلايدىغان برونېۋىك ۋە تانكىلىرىنى ياساشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. جۇڭگو پاراشۇتچى قىسىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرىكەتچان پىيادە قىسىم رولىنى ئوينىغان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە پاراشۇتچى قىسىملارنى ھاۋادىن تاشلاش ئىقتىدارى بولمىغان.
جۇڭگو 1990-يىللاردا رۇسىيەدىن 4 دانە il-76 تىپلىق ئېغىر تىپتىكى توشىغۇچى ئايروپىلان سېتىۋالغاندىن كېيىن پاراشۇتچى قىسىملارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئاشقان.
2000-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى ئۆزىنىڭ «WZ506» تىپلىق پاراشۇتچىلار برونېۋىكىگە ئىگە بولغان ھەمدە تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگەن. 2005-يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە بىلەن 34 دانە il-76 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان ۋە 78 دانە ھاۋادا ماي قاچىلىغۇچى ئايروپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەن. 2010-2011-يىللىرى خىتاي مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن پاراشۇتچى قىسىملارنىڭ 76 دانە رېمونت قىلىنغان توشۇش ئايروپىلانى سېتىۋالغان ھەمدە يېڭى توختاملار داۋاملىق تۈزۈلگەن.
مانا مۇشۇلارنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئاشقان بولۇپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى زور ساندىكى پاراشۇتچى قىسىملارنى كۆزلىگەن نىشانغا بىراقلا توشۇش، ئېغىر قوراللارنى توشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ھازىر، جۇڭگو پاراشۇتچى قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئاشقان بولۇپ، تىبەت قاتارلىق ئېگىز تاغلىق رايونلاردا جەڭ قىلىش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بارغان.
ھەربىي ھەمكارلىقتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەر
پاراشۇتچىلار 15-كورپۇسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە مۇھىم پاراشۇتچى قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى يەنىلا ھاۋادىن ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى تاشلاش ۋە زور ساندىكى پاراشۇتچىلار ئارمىيىسىنى توشۇپ، ھاۋادىن تاشلاش قاتارلىق تەرەپلەردە ئاجىز ھېسابلىنىدۇ. خىتاي پاراشۇتچى قىسىملىرى ھەتتا رۇسىيە پاراشۇتچى قىسىملىرى ئىلگىرىلا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەن ئادەتتىكى مېخانىكىلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە ئەمەس، شۇڭا كەڭ كۆلەملىك دائىرىدە ھاۋادىن پاراشۇتچىلارنى تاشلاپ جەڭ قىلىشتا زىيان كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشى بۇ يىل مارت ئېيىدا جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا، يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، ھەتتا رۇسىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەركىزىنى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە ئېچىپ بەرگەن ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، قورال-ياراق سودىسى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدىغان رۇسىيەنىڭ خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرىنى ساتىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ئۈچۈن كېرەك بولغىنى ئۆز ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەقىقىي قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش، موسكۋا ئۈچۈن بەكرەك كېرەك بولغىنى ئوز تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە قوراللىرىنى سېتىش ئېلان-سەنئىتى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئانالىز قىلماقتا.