رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئاشماقتا

0:00 / 0:00

ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا. بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكلىرىدىن بىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدۇر. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تەبىئىي گاز ساھەسى بويىچە زور مىقداردىكى كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە. خىتاي بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىملىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشماقتا.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا غەربىي سىبىرىيەدىن ئالتاي ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز لىنىيىسى بويىچە خىتاينى گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ «جۇست مېدىئا» تورىدىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ «گازپروم» شىركىتىنىڭ باشلىقى ئالېكسېي مىللېر رۇسىيەنىڭ بۇ يىل كۈزدە خىتاي بىلەن ئىككى گاز كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ قېتىم رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى «گازپروم» بىلەن «خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى» غەربىي لىنىيە بويىچە خىتاينى گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھە مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن جاڭ گاۋلىنگە رۇسىيەنىڭ خىتاينى گاز بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. جاڭ گاۋلىن بولسا غەربىي لىنىيەنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي لىنىيە بويىچە گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى 1-سېنتەبىردىن باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا پرېزىدېنت پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپ 400 مىليارد دوللار قىممىتىدە تەبىئىي گاز كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى. يەنى، رۇسىيە خىتاينى 30 يىللىق مۆھلەت بىلەن ھەر يىلى 36 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈشكەن. نەتىجىدە، شەرقىي سىبىرىيەدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما غەربىي سىبىرىيەدىن رۇسىيەنىڭ ئالتاي رايون ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىدىغان غەربىي لىنىيە، «ئالتاي» لىنىيىسىنى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىمدىن تېخى ھازىرغىچە خۇلاسە چىقمىغان ئىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن شەرقىي ئۇكرائىنادا قوراللىق توقۇنۇشلار كۈچەيدى. غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىر قانچە قېتىم رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلدى. تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە قارىتا يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلغاندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ «رۇس نېفىت»، «گازپروم» قاتارلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىدە جىددىيلىك كۈچەيگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار ئۇكرائىنا كرىزىسى نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشتا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئېنېرگىيە باھاسى ۋە باشقا تەرەپلەردە خىتايغا مەلۇم يول قويۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە سودىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.

نۆۋەتتە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي، مەبلەغ ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىكى ئالاقىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا پلىيۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر تاجىكىستانغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ 70% تىن كۆپرەكى خىتايغا مەنسۇپتۇر. ئىككىنچى ئورۇندا رۇسىيە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى 13% تىن ئارتۇق. 9-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي بىلەن تاجىكىستان رەھبەرلىرى دۈشەنبىدە كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ تاجىكىستانغا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەر بويىچە 3 يىل ئىچىدە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

9-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن «ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى»نىڭ تاجىكىستاندىن ئۆتىدىغان قىسىمنى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادشۇناس، گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئالاقىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، رۇسىيەنى ئۆزى بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىدە مەلۇم دەرىجىدە يول قويۇشقا قىستاش تاكتىكىسى قوللانماقتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى ئىمزالاشتا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېشىۋاتقان ھەمكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەگە بېسىم كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەق بولماقتا.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن مۇستەقىل ئىقتىسادىي ۋە تەبىئىي گاز ئالاقىلىرى ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركمەنىستان ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. بۇ رۇسىيە ئۈچۈن رىقابەت پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپا ۋە غەرب بىلەن بولغان زىددىيىتىدىكى يالغۇزلۇقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم قىلىشقا ئاجىزلىق قىلماقتا.

رۇسىيە ھازىر تەبىئىي گازلىرىنى ياۋروپاغا ساتىدۇ. ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن، ئۇ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا رايونىنىمۇ مۇھىم نۇقتىغا قويماقتا. پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە. شۇڭا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن پەقەت ياۋرو ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىتتىپاقىغا كىرگۈزگەندىلا بۇ دۆلەتلەرگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويالىشى مۇمكىن.

رۇسىيە خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە-خىتاي ئارىسىدىكى ئالتايدىن ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىغا ئالتاي رايونىدىكى ئاممىۋى ئېكولوگىيە تەشكىلاتلىرى قارشى چىققان. ئۇلار ئۆز ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەگەر مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئالتايدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىغا تۇتاشتۇرۇلسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتاي رايونىنىڭ ئېكولوگىيىسىگىمۇ تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا. ئەمما خىتاي تەرەپتىن ئېكولوگىيە مەسىلىسىگە ئائىت ئىنكاس چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيە تەرەپكە مەزكۇر تۇرۇبىنى ئۆز زېمىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، ئەگەر رۇسىيە قوشۇلسا، غەربىي سىبىرىيەدىن باشلانغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قازاقىستانغا تەۋە رايوندىن ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشى ۋە ئارقىدىن ئىچكىرى خىتايغا تۇتۇشۇشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرچە بۇ ئېنىق ئەمەس.