ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختا نەتىجىلەر بىلەن كەلگەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇشقا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور قىسمىنىڭ ساختا نەتىجىلەر ۋە ساختا تونۇشتۇرۇشلار بىلەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوقۇشقا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلىق ئۇچۇرلار ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەتتا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.15
xitay-ali-mektep-imtihani-305.png ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىشكە كىرىپ كىتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار
AFP


ئامېرىكا مائارىپ تورىدىن زىنچ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2012 - يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار سانى 400 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش جەھەتتە ساختىلىق ئىشلىتىش مەسىلىسى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دوكلادىدىن مەلۇم بولۇشىچە،2011 - يىلدىن بۇيان خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارسانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە،2011 - يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 157 مىڭ 558 نەپەر بولۇپ،خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 21.8% نى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى 2011 - يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار سانى 78 مىڭ 779 نەپەر بولۇپ، 2011 - يىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاران يېرىمىغا توغرا كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ساختا ماتېرىياللارنى تەييارلاش ھەم ئېنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئۆتۈش قاتارلىق يوللارنى قوللىنىپ، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوقۇشقا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دەرسلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بارغانچە كۆپەيگەن.

بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكىدەك ئەھۋال مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قالماستىن، ئامېرىكا مائارىپ تارماقلىرى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارمۇ ئوقۇشقا كلېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىكى ساختىلىققا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ۋە بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان.

خىتايدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختىلىق قىلمىشلىرىغا دائىر ئەھۋاللار مەتبۇئاتلاردا مۇنداق بايان قىلىنغان.

1. خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكىتى سۇخو تورىدا ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر يوللاپ بېرىدىغان ئېمتىھان نەتىجىسىدە ساختىلىق ئېغىرلىقى بايان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مائارىپ تارماقلىرى چەتئەللەردىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مەكتەپلىرىدىن ئېلىپ كېلىدىغان ئېمتىھان نەتىجىلىرىنى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا پېچەتلەنگەن كونۋېرتلارغا سېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەمما خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپلەردىكى ھوقۇقى بار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەسلىدىكى ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ساختا ماتېرىيال ھازىرلىماقتا ئىكەن. خۇبىي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئادەتتىكى كەسپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئېمتىھان نەتىجىلىرى ئىچىدە ئۆتەلمىگەن پەنلەردىكى نەتىجىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاستە ئىمزاسى بولغان ئەھۋالدا ئۆزگەرتىلىپ ياكى ئەسلى نەتىجىسىدىن يۇقىرى قىلىپ، ئۆزگەرتىلىدىكەن.

2. ئامېرىكىدىكى زىنچ. كوم دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلادىدا، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئوقۇغۇچى تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرىگە پۇل تۆلەش ئارقىلىق ساختا ماتېرىيال تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىن چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى ھازىرلىغاندىن باشقا، چەتئەللەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تونۇشتۇرۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرىدىكى شىركەتلەرگە 50 مىڭ سومدىن 100 مىڭ سومغىچە يۇقىرى ھەق تۆلەيدىكەن ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە بۇ شىركەتلەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ساختا بانكا ھېسابى، ساختا نەتىجە قاتارلىق ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ بېرىدىكەن. ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسى رەت قىلىنسا، بۇ شىركەتلەر ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان پۇلنىڭ 50%تىن 70% كىچە قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.

3. ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىكى توفىل ئېمتىھانىدا ساختىلىق قىلمىشى

ئەنگىلىيە ئىقتىساد گېزىتىنىڭ بۇلتۇر 11 - ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدىكى كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىزمەتچى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەنگىلىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى ئېمتىھان نەتىجىلىرىدە ساختىلىق بولغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيە ئېمتىھان نەتىجىسىدىمۇ ساختىلىق بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ توفىل ئېمتىھانىدا ساختىلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىدۇق. چۈنكى توفىل ئېمتىھانىنى ئوقۇغۇچىلار توردا بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بەزى ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئېمتىھان بېرىشكە ياللايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. بىز ئادەتتە ئۆزىمىز گۇمانلىق دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزمۇ - يۈز كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى سىنايمىز. ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئەنگىلىيىدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار زىيادە كۆپ بولغىنى ھەم بەزى ئوقۇغۇچىلار پاسپورتىنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىپ ۋىزاغا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقىنى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسىنى سىناشقا ئامالسىز قالدۇق. ئەمما ئېنگىلىز تىلى ئېمتىھانىدا ساختىلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ساختىلىقى ھامان ئاشكارىلانماقتا» دەپ جاۋاب بەرگەن.

نۆۋەتتە چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىققان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدىكى ساختىلىق قىلمىشلىرى شۇ دۆلەتلەردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭلا دىققىتىنى قوزغاپ قالماستىن، بەلكى ساختا ماتېرىيال تاللاش يوللىرى ئارقىلىق ئوقۇشقا كەلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار، شۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى خىتايغا قايتۇرۇلماقتا.

مەسىلەن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇلتۇر 7 - ئاي مەزگىلىدە يېڭى زېلاندىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن گۇمانلىق دەپ قارىغان 279 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 49 نەپىرىگە خىتايغا قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چىقارغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختىلىق ئىشلىتىشىگە قارىتا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشكە چەكلىمە قويالىشى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يەنىلا گۇمان قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.