گېرمانىيەدە «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

15-ئىيۇن كۈنى، يەنى مۇبارەك روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق قىتئەلەردىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق تېمىلار ئاستىدا باشلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئەينى زاماندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە شاھىت بولغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەكلىپ قىلىنغان. 14-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەدە ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە 15-ئىيۇن سەھەر سائەت 6:30 دا، شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئوچۇق مەيداندا روزا ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

نامازدىن قايتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرقىسىمى ميۇنخېن شەھەر ئىچىدىكى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىپ، قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا دۇئالار قىلىشتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00-16:00 ئارىلىقىدا، ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا 1988-يىلىدىكى نامايىشنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ھەم تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. 1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر جامائىتى نامايىشتىن كېيىن، سائەت 16:30-18:00 ئارىلىقىدا، «بىر دۇنيا ئۆيى» ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار مەركىزىنىڭ پائالىيەت زالىدا «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. بۇ سورۇندا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئانا تىل ھەققىدە تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.