سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش قىلماقتا
2013.04.25
مەلۇمكى، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى تەسىس قىلىنغان كۈنىدىن بىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بارلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى پەيشەنبە بىلەن جۈمە ئىككى كۈن بولۇپ داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ماۋزۇ بىلەن كۆپ مەشغۇل بولماقتا، گېزىت خەۋەرلىرى، تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرى ۋە رادىئو ئاڭلىتىشلىرىدا، سەئۇدى ئەرەبىسستان پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلىرىغا ناھايىتى كۆپ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ ماۋزۇلا سۆزلەنمەكتە.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، بۇ تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان، ئۆزىگە خاس مەخسۇس ئۆزگىچىلىكى بار، ئىسلامىي ئەنئەنىلەرگە كۆرە ئىش كۆرىدىغان يېگانە مەملىكەتتۇر. بۇ مەملىكەتنىڭ بايرىقىدا ئورۇن ئالغان«لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دېگەن شاھادەت كەلىمىسى بۇ دۆلەتنىڭ شوئارى، پەخرى، ئۇنۋانى ۋە ھاياتتىكى ھەر نەرسىسىدۇر. دۇنيادا بايرىقىدا شاھادەت كەلىمىسى بولغان ۋە بايرىقى ھېچقان بىر مۇناسىۋەتلەردە چۈشۈرۈلمەيدىغان بىرلا مەملىكەت سەئۇدى ئەرەبىستانىدۇر. چۈنكى شاھادەت كەلىمىسى ھەر زامان ئۈستۈن قىلىنىدۇكى، ھەرگىز چۈشۈلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى قانۇن - تۈزۈملەر ئىسلامچە بولۇپ كەلگەن. ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمۇ شەنبە كۈنىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىگە ياكى يەكشەنبە كۈنىدىكى خىرىستىيانلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىگە ئوخشاپ قالمىسۇن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە دەم ئېلىش كۈنى بولسۇن دېگەن قاراش بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى پەيشەنبە بىلەن جۈمە كۈنلىرىگە بەلگىلەنگەن ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستادىندا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە»گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى25 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا، ئېلان قىلىنغان«پارلامېنتنىڭ قارارى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ»دېگەن تېمىدىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتىدا، سىاسەتچىلەر بىلەن دىنىي ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تالاش - تارتىش بولىۋاتىدىكەن. سىياسەتچىلەرگە كۆرە، ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى پەيشەنبە بىلەن جۈمە ئىككى كۈن بولۇپ داۋام قىلىۋەرسە، سەئۇدى ئەرەبىستان شىركەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا تۆت كۈنلۈك ۋاقىتنى زىيان تارتىدىكەن. بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىدىن ئىكەن. چۈنكى ھەپتىدە پەيشەنبە ۋە جۈمە ئىككى كۈن سەئۇدى ئەرەبىسستانىدىكى شىركەتلەر ئىشلىمىگەن، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى باشقا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر ئىشلىمىگەن، شۇنداق بولۇپ، ھەپتىدە تۆت كۈن زىيان چىقىدىكەن. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن مۇۋاپىقلاشقان ھالدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىش مكۈنلىرىنى جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرىگە ئۆزگەرتىش زۆرۈر ئىكەن.
ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى دىنىي ئۆلىمالارغا كۆرە، ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى پەيشەنبىدىن شەنبىگە ئۆزگەرتىۋېتىش دىنىي جەھەتتىن ياخشى ئەمەس. چۈنكى شەنبە كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش مكۈنلىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار باشقىلارغا ئۆزلىرىنى ئوخشىتىۋالماسلىققا ۋە باشقىلارنى ئىلىم - ھېكمەتتىن باشقا ئىشلاردا دورىماسلىققا بۇيرۇلغان. ناۋادا، پەيشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنىنى شەنبىگە ئۆزگەرتىۋەتكەندە، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ساقلىمىغان بولىدۇ.
نېمىلا بولمىسۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ، پەقەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئەينە يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ھۆكۈمەت ئۆزى مۇناسىپ قارارنى ئالىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتىدىكى 30 ئايال، 120 ئەر، جەمى 150 پارلامېنت ئەزاسىدىن كۆپ سانلىقنىڭ ئىتتىپاقى ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىش ئىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن»گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا، «ھۆكۈمەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پىكىر - قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ»دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتىنىڭ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە دىنىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كەلگەنلىكى چوڭ بىر ئىجابىيلىقتۇر. چۈنكى مۇندىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇ پىكىرلەر رەت قىلىنىپ كەلگەن. جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ داۋام قىلىۋېرىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچكىم تارتىشمايدۇ. پەقەت پەيشەنبىنى شەنبىگە ئۆزگەرتىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مۇندىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئومان پادىشاھلىقىمۇ پەيشەنبە كۈنلۈك دەم ئېلىشنى شەنبىگە ئۆزگەرتكەن، يەنە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. مۇھىمى پارلامېنتنىڭ ئىتتىپاقىدۇر. ئۇلار قايسى مەسىلىگە ئىتتىپاقلاشسا، ھۆكۈمەت ئۇنى قارار قىلىدۇ.»