ئەردوغاننىڭ ش ھ ت غا قاتنىشىش پىكرى ياۋروپاغا قىلىنغان دوق
2016.11.22

تۈركىيە رەئىسى جۇمھۇرى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئارزۇسى بارلىقىدىن بېشارەت بەردى. ئۇ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا تەكىتلەپ، تۈركىيە ش ھ ت غا قاتناشسا، تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش شارائىتىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئەردوغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىشى ئەمەس. ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئەردوغاننىڭ پىكرى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ، ئىراق بىلەن مۇسۇل مەسىلىسى، ئامېرىكا بىلەن فەتھۇللا گۈلەن ۋە سۈرىيەدىكى كۈرت قوراللىق گۇرۇھلىرىنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچىيىپ كەتكەن، تۈركىيە رايوندا بارغانسېرى يېتىم ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دىققەت قوزغىدى.
ئۇنىڭ پىكرى جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى - مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار. ئەردوغان بۇ سۆزلەرنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە دائىر خەۋەرلەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان ئىدى.
تۈركىيە سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى مۇتەخەسسىسى تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۈركىيە ش ھ ت غا كىرسە، ئۇ «خىتاي ئىستىگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»
تىمۇر خوجائوغلۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ماڭا خەۋەر بەردى، بۇ تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاپ، كېيىن سۈرۈشتۈرۈشلەر باشلىغان. دېمەك، بۇ تۈركىيەدە ئىنتروگەيشىن باشلاپ، يەنى بۇ سۈرۈشتۈرۈشلەر، پالان-پالانلار باشلاپ، بىر قانچە ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئالدى، دەپ ئېيتتى. يەنى بىرئاز ھالقىلىق بىر ۋەزىيەت. تەبىئىي، تۈركىيە بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە، بۇمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ. (ئۇ چاغدا) خىتاينىڭ ئىستىگەن كىشىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭغا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»
لېكىن پروفېسسور تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدا خىتاينىڭ قانچىلىك رولى بارلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، تۈركىيە جىددىي ھالەت قانۇنى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ.
خوجائوغلۇ: «ھازىر بىلىسىز، بۇ تۈركىيەدە جىددىي ھالەت قانۇنى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. قانۇن-مانۇن قالمىدى. ھازىر ئىقتىداردىكى پارتىيە ۋە ئەردوغاننىڭ ئېيتقانلىرى پەقەت مەجلىس ۋە ھوقۇققا سورالماي، دېگىنى بويىچە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇققا، بۇ فەتھۇللا گۈلەن قىلغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى دېدى، ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئالاقىسى بار. دېمەك، بۇنىڭدا بىر شەيلەر بار، ئەمما بىز بىلمەيمىز. بۇنىڭدا خىتاينىڭ قانداق رولى بار، نېمە ئۈچۈن بۇنداق. بەلكى، ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەردوغاننىڭ يەكلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردىلەر» دېدى.
لېكىن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈركنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ش ھ ت غا كىرىشىنى پەرەز قىلىش قىيىنكەن. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ش ھ ت نىڭ قىممەت ئۆلچىمىدە زور پەرق بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھامىت گۆكتۈرك مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە كرىتەرلىرى (ئۆلچىمى) بىلەن ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۇچۇرۇ (ئەرق) بار. پەرقى ناھايىتى چوڭ. ش ھ ت بىر خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، ياۋروپا بىرلىكى ئىقتىسادى، ھوقۇقى، مەدەنىيەت-كۈلتۈر جەھەتلەردە بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. تۈركىيە ش ئا ئە ت (ناتو) دىن چىقسا، ياۋروپا بىرلىكىدىن چىقسا، ئاندىن خىتاي ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ناتودىمۇ تۇرىمەن، ساڭىمۇ كىرىمەن دېسە، خىتاينىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەخمىن قىلالمايمەن، قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟»
ش ھ ت خىتاينىڭ تېررورلۇق، رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى مەيدانىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭغا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان تەشكىلات.
ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى، غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ تەشكىلاتلار ش ھ ت نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا، ئەردوغاننىڭ پىكرى تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەنىڭ ش ھ ت غا كىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا سىرتماق سالغانلىق بولىدۇ» دېدى.
ھامىت گۆكتۈرك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بوينىغا سىرتماق سالغاندەك بىر ئىش. ئەگەر تۈركىيە ش ھ ت غا كىرسە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا سىرتماق سالغان بولىدۇ. تۈركىيەنى ئۆزىگە قايىل قىلماي تۇرۇپ، خىتاي تۈركىيەنى ئالمايدۇ. ئەمما تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق بىر ئىش بولۇشىنى تۈركىيە خەلقىمۇ خالىمايدۇ، دەپ چۈشىنىمەن. ئۆتكەندە بىر يەردە بىر گەپ بولدى. بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى دېدىكى، ئۇنداق بىر ئىش بولمايدۇ. ئەگەر بولۇپ قالسا، تۈركىيەدە بىز ئاستىنى ئۈستىگە ئەكېلىمىز. ئۇنداق ئىش بولمايدۇ، بىز قوبۇل قىلمايمىز. يەنى نېمە كۆرىمىز، دېگەنلا بولدى.»
ئەمما مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ سۆزى پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلىنغان بىر ھەيۋە. تىمۇر خوجائوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت نى ئۇنداق ئاسان تاشلاپ چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىمۇر خوجائوغلۇ: «بەلكى، بۇ ئىقتىسادى تاماندىن بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ش ھ ت غا ئىقتىسادى شەيئى يوق. پەقەت ئەسكىرى جەھەتتىن بۇ ناھايىتى زور تەھدىت. چۈنكى، تۈركىيە ش ئا ئە ت دىن چىقىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە ئۇنىڭدىن چىقسا، ئۇ كاتتا جاڭجاللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەككە قالىدۇ. ئۇنىڭدا خىتايدىن ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورامدۇ. بۇ زاتەن كۈلكىلىك. چۈنكى، خىتاي تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىستىمەيدۇ. تۈركىيە كۈچلۈك بولسا، ش.تۈركىستان ياكى مەركىزى ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستانلارغا كۈچ -قۇۋۋەت كېلىدۇ. خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىت. شۇڭا، تۈركىيە ش ئا ئە ت دىن ئۇنداق ئاسانلىق بىلەن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇ، 50 يىلدىن بۇيان ڭ ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى. 65 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ھەربىي تەشكىلاتى ھەممە نەرسە شۇنىڭغا باغلانغان. بۇنى ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ پەقەت ئەردوغاننىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە دوق قىلىش ئۈچۈن قىلغان گەپلىرىنىڭ بىرى» دېدى.
ئەردوغاننىڭ پىكرىگە خىتاي تۈنۈگۈن جاۋاب بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، ھازىر تۈركىيە ش ھ ت نىڭ دىئالوگ ئورتىغى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر تۈركىيە ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسا، بۇنى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.