«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى»نىڭ 8 - نۆۋەتلىكىنى ئېچىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.02.15
turkiye-sherqiy-turkistan-maarip-qerindashlar.jpg «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى»نىڭ 8 - نۆۋەتلىكىنى ئېچىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى
RFA/Arslan


14 - فېۋرال يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا، «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى»نىڭ 8 - نۆۋەتلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە چاقىرىلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، تەشۋىقات، نەشرىيات بۆلۈملىرى شۇنداقلا سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەسئۇللىرى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ بىر يۈرۈش قىلىپ بولغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا يەنە جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۈلۈپ كېلىۋاتقان«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى»نىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دوكلاتتا ئۆتكەن 7 يىل جەريانىدا قېرىنداشلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ پىكىرلەر، خۇلاسە ۋە قارارلارنى يىغىنچاقلاپ ئوقۇپ ئۆتتى ۋە بۇ يىغىنلاردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ داۋامىدا، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىنىڭ قانداق، قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى شۇنداقلا يىغىندا قايسى مەزمۇنلار توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىندى.

يىغىن ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلدى. 3 سائەت داۋام قىلغان مۇزاكىرە يغىننىڭ خولاسىسىدە، 8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىنى قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە قايسى تېمىلاردا توختىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

3 سائەت داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا يەنە، تەييارلىق باسقۇچىنىڭ باشلىنىشى قارار قىلىندى ۋە بۇ يىغىننى تەرتىپلەش ئۈچۈن 5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئسى ھىدايەتۇلاھ ئوغۇزخان ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ۋە قېرىنداشلىق يىغىنلاردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.