خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دونالد ترامپقا تېلېفون قىلىشى دىققەت قوزغىدى
2016.11.16
ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپ سايلام جەريانىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-نويابىر، نيۇ يورك.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولىدىغانلىقى مۇقىملاشقان بىر پەيتتە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14-نويابىر كۈنى دونالد ترامپقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىشى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈمىدىنى بىلدۈرۈشى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قىلغان تېلېفونىدا ئۇنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، خىتاي، ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەن 37 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانچە تەرەققىي قىلغانلىقى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتتىن مەنپەئەتدار بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە دونالد ترامپنىڭمۇ شى جىنپىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خەلقئارا تاراتقۇلاردىن رويتېرس، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە رادىيوسى ۋە ئامېرىكىدىكى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىغا ئۆزى بىۋاسىتە تېلېفون قىلغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈمىدىنى ئاشكارا بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇش ئالدىدىكى دونالد ترامپنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىشى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توۋارلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى قاتتىق تەنقىدلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى ۋە خىتايدىكى ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور دوكتور ما خەييۈن ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ما خەييۈن ئەپەندى دونالد ترامپنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىكى ۋەدىسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما دونالد ترامپنىڭ ئۆز سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان، خەلقئارادا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن يەنىمۇ كۈچەيگەن يېڭى ئامېرىكا مودېلى› تەشەببۇسىغا ئاساسلانغاندا، دونالد ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىق، ئەمما ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا دونالد ترامپنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى مەيلى ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن بولسۇن، ياكى خىتاي ئۈچۈن بولسۇن كۈتۈلمىگەن بىر نەتىجە بولدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بولسۇن ياكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلىرىدە بولسۇن، ھاياجانلىق كەيپىيات ئىپادىلەنمەكتە. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئوباما ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتىدە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى زوراۋانلىقىنى، ئىچكى سىياسىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما دونالد ترامپنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى تەشەببۇسىدا ‹ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەندۈرۈش، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق› نى تەكىتلىشى، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلغان خىتاي دېموكراتلىرىنى جىددىيلەشتۈردى، ئامېرىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىدا ‹ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولارمۇ؟› دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلماقتا.»
ما خەييۈن ئەپەندى يەنە بۇ خىل ئەندىشىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ خىل ئەندىشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. چۈنكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتساق ئەگەر دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش سىياسىتىنى يادرو قىلسا، ئۇ ھالدا دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسى، قىممەت قارىشى دېگەنلەرنى قۇربان قىلىۋېتىشى، ھەتتا ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدا ئىپادىلەنگەن كۆچمەنلەرنى كەمسىتىش، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش، ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشلىرى كىشىلەردە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئىنسانلىقى ھەققىدىكى تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دونالد ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بولغان ئېتىبارى ئىلگىرىدىن تۆۋەنلىشىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يېڭى پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا بىۋاسىتە تېلېفون ئۇرۇپ تەبرىكلىگەنلىكى ھەققىدىكى خىتاي ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئالدىدىكى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىرقانچە نۇقتا بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندى خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ترامپنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەشەببۇسى ھەققىدىكى بايانلار ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئەسكەرتىلگەن ترامپنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ھازىرچە باھا بېرىشنىڭ بىرئاز بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كۆزىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، ئامېرىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قانۇنىي بويىچە قوغدىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى ھازىرقىدەك ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى ئامېرىكىدا، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قانۇنى بويىچە قوغدىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى تەكىتلىدى.









