شىمالىي كورېيەنىڭ ۋودروت ئاتوم بومبا سىنىقى ياپونىيەدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-01-07
Share
kim-jong-un-wodrot-bomba.jpg شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇن ۋودروت بومبىسىنى سىناق قىلىش ھۆججىتىگە ئىمزا قويماقتا. 2016-يىلى 6-يانۋار، پىيوڭياڭ.
AFP

ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ۋودروت بومبىسى سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە يەر تەۋرەش كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توكيو ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي كورېيەدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ چۈشلۈك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،شىمالىي كورېيەنىڭ ۋودروت بومبا سىنىقى 6-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتنىڭ بۇ يىللىق خام چوتى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدا يىغىن چاقىرىشقا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ھەرىكىتىدىن قاتتىق چۆچۈگەن.

ياپونىيە ئاشى تور بېتىنىڭ «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىمجوڭيۇن، 1-يانۋاردىكى يېڭى يىللىق تېلېۋىزىيە نۇتقىدا بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋودروت بومبا سىنىقى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغان كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ناۋادا شىمالىي كورېيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەر قانداق بىر دۆلەت دەخلى قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ دەرھال تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە JNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى كەچلىك خەۋىرىدە دېيىلىسىھىچە، شىمالىي كورېيە تۇنجى ۋودروت بومبىسىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ ئىبارىكى ئۆلكىسىدىكى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار بۇيرۇققا ئاساسەن چارلاش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باش ۋەزىر شىنزو ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ ئامېرىكا، كورېيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابې سۆزىدە يەنە: «شىمالىي كورېيەنىڭ ئاتوم سىنىقى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن تەھدىت. بىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يول قويمايمىز» دېگەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ياپون خەلقى ئىچىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇرى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە قاتتىق تەھدىت بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە كېتىدىغان مەبلەغلەرنى ئەلۋەتتە بۇ دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا ئىشلەتسە بەك ياخشى بولىدۇ-دەپ ئويلايمەن».

بىراق، ياپونىيەدىكى قانۇنشۇناس ياماگاجو شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ياپونىيەنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرماي دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە، ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، خەۋەردە ياپونىيە ئەمەلدارلىرىدىن سۇگا: «ياپونىيە بۇ ھەقتە جىددىي ئۇچۇر توپلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ»، دېيىلگەن.

ياپونىيە جنن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كورېيە پايتەختى سېئولدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن ئاڭلىتىشىچە، كورېيە پرېزىدېنتى پاك شىمالىي كورېيە ۋودروت بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال يىغىن چاقىرىپ ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە كورېيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ قوماندانى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن.

كورېيە تەرەپ بۇ قېتىمقى ۋودروت بومبىسى سىنىقىنى تۇيۇقسىز ۋە ئويلىمىغان يەردىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت دەپ باھا بەرگەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم شىمالىي كورېيە ھەربىي ئەسلىھەلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ۋودروت بومبا سىنىقى شىمالىي كورېيەنىڭ شىمالىي خاميوڭ ئۆلكىسى كىلجۇ ناھىيەسىدىكى پۇڭگيېرى ئاتوم سىناق مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرى يەنى 2006-، 2009-، 2013-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان جاي بولۇپ، خىتاي بىلەن چېگرالىنىدىكەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمى ھەرىكىتىنى خىتاي دۆلىتىمۇ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مانجۇ يازغۇچى مەڭشا خىتاينىڭ بۇ خىل ئەيىبلەش دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلىكتىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «جۇڭگو ئىلگىرى شىمالىي كورېيە بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ھالدا كورېيە بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرى ئۇزۇن يىل بېقىپ كەلگەن شىمالىي كورېيەنى تاشلىۋەتتى» دېدى.

شىمالىي كورېيە، 2015-يىللىق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتايدىن قالسا ياپونىيە ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت