شۋېتسىيەدىكى ئەرەب خەۋەر مەركىزىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئەلجەزىرە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - مارت كۇنىدىكى تور بەت خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمىنىڭ كۇنمىڭدىكى ۋەقەگە قارىتا قىلغان بايانلىرى بىرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد بۇ خەۋەرگە ئىنكاس شەكلىدە كۆز قاراشلىرىنى يازغان. ئىنكاسنى كۆرگەن شېۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق «ئەرەب خەۋەر مەركىزى» ۋەقە ھەققىدە ئەرەب تىلىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئابدۇللا ئەھەد كۇنمىڭدىكى ۋەقە ھەققىدە «ئەرەب خەۋەر مەركىزى» گە بەرگەن مەلۇماتىدا ئاساسلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتىنىڭ بەدىلىنى خىتاي خەلقى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن ئابدۇللا ئەھەدنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۈلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.