شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

20 - مارت كۈنى شىۋىتسىيە پاختەختى سىتوكھولىمغا قاراشلىق فىسەترا رايونىدىكى پائالىيەت زالىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 24-مارت. RFA/Yalqun

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومېتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 20 - مارت كۈنى شىۋىتسىيە پاختەختى سىتوكھولىمغا قاراشلىق فىسەترا رايونىدىكى پائالىيەت زالىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئالدى بىلەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئابدۇشۈكۈر سامساق نورۇز ئەھلىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

شىۋېتسيەدە ياشاۋاتقان خۇرشىدە خانىمنىڭ نورۇز ئەھلى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلاپ كەلگەن «باھار كەلدى» دېگەن ماۋزۇدىكى شېئىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

شىۋىتسىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا، مۇزىكىلار نورۇز ئەھلىنى ھوزۇرلاندۇردى.

كۆپچىلىك نورۇز ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغان نورۇز ئېشى بىلەن غىزالاندى.

بىز بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇشۈكۇر سامساق بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، نورۇز پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن قۇربانجان ئەپەندى نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە توختالدى ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا نورۇزلۇق سالىمىنى يوللىدى.

نورۇز پائالىيىتىگە سىتوكھولىم ۋە ئەتراپتىكى شەھەردىن بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، پائالىيەت ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org