شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
2016.02.03
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 30 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە 1997ـ يىلى 5ـ فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەھەتنىڭ شېھىتلەرگە ئاتاپ قىلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
بۇ سۆھبەت يىغىنىغا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ئەپەندى، تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى قاتناشتى.
ئالدى بىلەن سۆز قىلغان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئەھەد، 19 يىل ئىلگىرى 1997ـ يىلى 5ـ فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدە نامايىش قىلىپ دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ھەقىقانىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇردى.
نورۋېگىيىدىن كەلگەن «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى نىغمەت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5ـ فېۋرال كۈنى غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچ نامايىشنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى، بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغانلارنى ھەردائىم ئەسلەپ تۇرۇشنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا ئەھەد 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى يىلدىكىدەك شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش بىلەن ئەمەس،بەلكى سۆھبەت يىغىنى شەكىلىدە ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۇردى: «بىز بۇ قېتىم كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى تۇنجى قېتىم سۆھبەت يىغىنى شەكىلىدە خاتىرىلەپ باقتۇق، ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى بىز ئويلىغاندەك بولمىسا، كېلەر يىلى يەنە بۇرۇنقىدەك خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
سۆھبەت يىغىنى 5ـ فېۋرال غۇلجا شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرىلاشتى.