تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىس نامزاتى سىنان ئوگان ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان قوروجاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى. ئۇيغۇر مۇساپىر ئۆسمۈرلەر ئوقۇۋاتقان سىنىپلارنى كۆزدىن كۆچۈردى. سىنان ئوگان ئەپەندىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەمىنجان ۋە مۇساپىر ئۇيغۇر بالىلار ۋە چوڭلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى كۈتىۋالدى.
سىنان ئوگان ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ كۆپ قېيىنچىلىقى بارلىقىنى، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ كۆپ قېيىنچىلىقى بار ئىكەن. تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش مەسىلىسى. بالىلار چوڭ بولىۋېتىپتۇ، ئوقۇش مەسىلىسى بار ئىكەن. يۇرتىدا قالغان يېقىنلىرىنىڭ مەسىلىلىرى بار ئىكەن. خىتايدىن قېچىپ چىقىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. بۇلاردىن دۆلىتىمىزنىڭ خەۋىرى بار. مەنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن.»

سىنان ئوگان ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانسا، تۈرك دۇنياسىغا بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقى تۈرك دۇنياسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىدۇر. شۇڭا مەن پارتىيە رەئىسى بولۇپ سايلانسام، بۇ سىياسەتكە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىمەن. تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن.
مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان قورو جاينىڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەمىنجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەمىنجان ئەپەندى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىقىنىڭ پۇقرالىققا ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سابىق پارلامېنت ئەزاسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى نامزاتى سىنان ئوگان ئەپەندىنى كۈتىۋالغان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى، سىنان ئوگان ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلىقىنى، ئىپتاردىن كېيىن قادىر خاس يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇ يىغىندىمۇ سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىدىن مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭمۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ خىل زىيارەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەدىلەر بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىنان ئوگان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن ۋىلايەتلەرنى ئايلىنىۋاتىمەن، ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. بۈگۈن قەيسەرىگە كەلدىم. بۇ زىيارىتىم جەريانىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان قوروجايغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدۇق. ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدۇق. خۇدا بۇيرىسا قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇ رايوندىكى مەسىلىلەرنىمۇ بىز ھەل قىلىمىز. ھازىر ھېچ بولمىغاندا بۇلارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.»

سىنان ئوگان ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، بۇلارغا دەرھال پۇقرالىق بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلار كىچىك بالا، بىگۇناھ كىشىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.»
