تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.05.21
taiwan-teywen-prezident-murasim-uyghur.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا
RFA/Haji Qutluq Qadiri

20 - ماي تەيۋەن تەيبېيدىكى پرېزىدېنت مەھكىمىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭىدىن سايلانغان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 20 - ماي تەيبېيدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەيۋەن تەيبېيدىكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.