ياپونىيەدە ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سوئان كلىپسىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى بېسىلدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ژۇرنالىست سوئان كلىسپىننىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى سانىدا «باڭكوكتىكى پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئەسلىدە كىم بار؟» ناملىق چوڭ ھەجىملىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. سوئان ماقالىسىدە، 17-ئاۋغۇست باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە بىر قاتار مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سوئان ماقالىسىدە: «بۇ تېررورلۇق ۋەقەسى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆز-ئارا توقۇنۇش، ئىچكى زىددىيەت ۋە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن كېلىپ چىققان. تايلاند مەخپىي ساقچى دائىرىلىرى ئاللىقاچان ۋەقەنىڭ چەتئەل بىلەن شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن» دەيدۇ.

ئاپتور، تايلاند پادىشاھىنىڭ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خان جەمەتى ئىچىدە خانلىق تالىشىش كۈرىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىرقى تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن 72 نەپىرىنى جازالىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى تايلاند ئارمىيەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە سوئان 17-ئاۋغۇست پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ۋەقەدە بەش نەپەر خىتاينىڭ ئۆلۈشىنى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلگەن تايلاند ئەمەلدارلىرى ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ خىتايغا ياخشىچاق بولماقچى بولغان ئىدى. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى ئىنكار قىلىۋەتتى» دەيدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، تايلاندتىكى كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر ۋەقەنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇشى تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش دەيدۇ.

ياپونىيەلىك مۇستەقىل خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يۇرىنا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-باڭكوكتىكى پارتلاشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تايلاند دائىرىلىرى كۆپلىگەن گۇمانىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسى خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالمىدى. تەكشۈرۈشكە ئەلۋەتتە خەلقئارادىن مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنى ئالدىراپ ئۇيغۇرلاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

سوئان، باڭكوكتىكى پارتلاشنى خان ئوردىسىدا يۈز بېرىۋاتقان پادىشاھلىق تالىشىش كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بەزى بىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «بىرىنچى، 17-ئاۋغۇست تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى پرايۇت ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار تىزىملىكىنى پادىشاھىغا تاپشۇرىدىغان كۈننىڭ ئۆزىدە پارتلاش يۈز بەردى. ئىككىنچى، 16-ئاۋغۇست تايلاند شاھزادىسى ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاپ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇش ئارزۇسىدىن بېشارەت بېرىپ، كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ مەرىكىنىڭ داغدۇغىسى ئەتىسى بومبا پارتلىتىش بىلەن بېسىقتى. ئۈچىنچى، ھازىرقى ۋاقىتلىق يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى پرايۇت تايلاند شاھزادىسىگە قارشى ھەربىي ئەمەلدارلاردىن بىرى ئىدى» دەيدۇ.

17-ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن خان ئوردىسىنى قوغداش 1-ئاتلىق پولكى پات يېقىندا يەنە باڭكوكتا ئون قېتىم پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، 18-ئاۋغۇست چاۋپۇلايا پورتىدا كىمدۇر بىرى سۇغا بومبا تاشلىغان، بىراق ۋەقەدە ھېچكىم يارىلانمىغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، باڭكوكتىكى پارتلاشتىن كېيىن تايلاند شاھزادىسى گېرمانىيەگە كەتكەن بولۇپ، تايلاندتىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، شاھزادىنىڭ باڭكوكتىن تىز ئايرىلىشى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خان ئوردىسى ئېلىپ بارغان قوغداش تەدبىرى ئىكەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پارتلاش ۋەقەسىنى ساقچى دائىرىلىرى تايلاندنىڭ شىمالىدىكى مالاي مىللىتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ «پاتانى مالاي مىللىتى ئىنقىلابى فرونتى» تەشكىلاتىدىن پەقەتلا گۇمان قىلمىغان. ھەتتا بۇ تەشكىلات يېقىندا تايلاندنىڭ ساياھەت رايونلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇلارنى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، باڭكوكتا پارتلاش يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ھازىر فىنلاندىيەدە تۇرۇۋاتقان تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تاكسىن تايلاندتىكى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرقى تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقىشىنى جاكارلىغان.

باڭكوكتىكى ۋەقەدىن كېيىن ژۇرنالىست سوئان تايلاندتىكى ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى «قىزىل مايكىلىق» لار دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ پارتلاشنى تايلاندلىقلارنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سوئان باڭكوكتىكى بىر قىسىم كەسپىي تېررور تەتقىقاتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، تەتقىقاتچىلار بىردەك بۇ خىلدىكى پارتلاشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە تەييارلىق خىزمىتىگە بىر يىل كېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار تايلاندتىن قايتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆرۈشۈشتە، تايلاندتىكى تېررور مۇتەخەسسىسلىرى پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئارمىيە ھۆكۈمەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنلا بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېررور مۇتەخەسسىسلىرى سۆزىدە پارتلاش باڭكوك شەھىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئەتراپقا قويۇلغان بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ۋە دالدىغا ئېلىشنى پىشىق ئۆگەنگەن مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇتەخەسسىسلەر گۇماندار ھەققىدە توختىلىپ:«پارتلاش دۈشەنبە كۈنلۈكتە يۈز بەرگەن، ئادەتتە تايلاندتا بۇ كۈنلۈكتە،لاتارىيە بېلىتى ۋە گۈل سېتىش چەكلەنگەن. بۇ گۇماندارنىڭ تايلاندنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ساقچى دائىرىلىرى گۇماندارنىڭ زىرەكلىكىگە قول قويدى. تايلاندتا بەلكىم بۇنداق زېرەك كىشى تولىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن. پارتلاشتا ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ھەيكەللەر چېقىلمىغان ۋە ئىبادەتخانا ھېچقانداق زەخىملەنمىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا گۇماندارنىڭ مەقسىتى دۆلەت ئىچىنى قالايمىقان قىلىشتۇر» دېگەن.

ئۇلار، ۋەقەنىڭ تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەيدان سىياسىي ئويۇنى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ:«ئەگەر ھۆكۈمەت ۋەقەنى خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا باغلىسا، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە چەتئەللەردىن ئۇچۇر توپلاشقا ۋە تەكشۈرۈشكە، خەلقئارادىن ئادەم كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار پارتلاشنى تەكشۈرۈشكە چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلىدى» دېگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو باڭكوكتىكى پارتلاش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تايلاند ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا باغلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق، بۇنىڭدىكى ئىسپات-دەلىللەر يېتەرلىك ئەمەس. ھازىرقى تايلاند ھۆكۈمىتى بولسا، مۇستەبىت ھەربىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ھۆكۈمەت. بۇنداق دېموكراتىيەدىن يىراقلاشقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئويۇنى بولۇشى ئېھتىمالىققا يېقىن دەپ قارايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.