تەيۋەنلىكلەر يىغىنىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تەيۋەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان ياۋروپا تەيۋەن تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ 47-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بىلەن «تەيۋەندىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ئىككى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىلەر قاتناشقان. مەزكۇر قۇرۇلتاي بىلەن «تەيۋەندىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى» ماۋزۇلۇق يىغىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى تەيۋەندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقى، مەزكۇر سىياسەت تۈپەيلىدىن، ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭغا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە، تەيۋەندە دىكتاتور تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلىپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ئۆتۈلگەنلىكى خاتىرلەنگەن.

مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپدىكى تەيۋەنلىكلەر، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستراليە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان ۋە ئىلمىي دوكلاتلىرىنى بەرگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خانىم ۋىدىيو نۇتقى ئەۋەتىپ، مەزكۇر ئىككى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلىگەن.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەيۋەنلىكلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەيۋەندىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق بولۇشىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتايغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارادىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىندا تەيۋەننىڭمۇ ھەر جەھەتتىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقارا سورۇنلاردا خىتايغا قارشى بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا تەيۋەن دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرىلىۋاتقان بىر دۆلەت، رايوندىكى مەسىلىلەردە بولۇپمۇ،ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، پۈتۈن ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم كىشىلەر قاتناشقان بۇ يىغىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولدى دەپ قارايمەن.»

30-سېنتەبىر ۋە 1-ئۆكتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە چاقىرىلغان يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى تەيۋەندىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى جۇ ۋېيىشىيە ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتتە تۇرىۋاتقان مەزگىللەردە تەيۋەنگە ۋىزا بەرمىگەنلىكى، ھازىر دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغاچقا بۇنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىڭ يىغىندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى يىغىن ئەھلىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ياۋروپا تەيۋەن تەشكىلاتلار فېدېراتسىيەسى بۇ يىل 47-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ھەر يىلى ھەر خىل دۆلەتتە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتايدىن باشقا ھەر يىلى بىر تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۆتكۈزىدىكەن. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلغان.